تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى

يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى

401720
تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 30 – سېنتەبىر كۈنى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيەدە تېررورىستلارغا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا باشلىشى ۋە رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە بىر ھەپتىدە ئىككى قېتىم تاجاۋۇز قىلىشى تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە سۈركىلىش پەيدا قىلدى. بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن موسكۋا بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دائىرىلىرىمۇ تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىشىنى «قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ھەرىكەت» دەپ ئاتىدى. مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سىياسىيونلارمۇ تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە تالاش - تارتىش قىلىشقا باشلىدى. تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ ئالدى بىلەن، بۇ ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر تاشلاپ چىقايلى!
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
3 – ئۆكتەبىر كۈنى رۇس ئايروپىلانلىرى تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى. 5 – ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە ئارمىيەسى F-16 تىپلىق ئايروپىلانلىرىنىڭ MIG -29 تىپلىق ئايروپىلان تەرىپىدىن تاجاۋۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن، رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلىپ، بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى. شۇ كۈنى كرېمل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ، «رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بوزۇلۇشىغا سەۋەب بولالمايدۇ» تەرىقسىدە بايانات ئېلان قىلدى.
رۇسىيەنىڭ گازپروم شىركىتى 6 – ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ يىللىق 63 مىليارد كۇب مېتىرلىق قىسمىنى 32 كۇب مېتىرغا تۆۋەنلىتىش قارارى ئالدى. تۈركىيە ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، گازپروم شىركىتىنىڭ «تۈركىيە ئېقىمى لايىھەسىنى % 50 تۆۋەنلىتىش» تەرىقىسىدىكى باياناتىنى ئاخىرقى قارار دەپ قارىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىريۇسسېلدا 6 – ئۆكتەبىر كۈنى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىشى توغرۇلۇق توختالغاندا، «تۈركىيەگە قىلىنغان بىر ھۇجۇم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قىلىنغان ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتلىرىمىز ھەممىگە ئايان. ئەمما رۇسىيە تۈركىيەگە ئوخشىغان نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىپ كېلىۋاتقان بىر دوستىنى قولدىن بېرىپ قويسا، زىيان تارتىدىغان تەرەپ چوقۇم رۇسىيە بولىدۇ. شۇڭا رۇسىيەنىڭ بۇنى بىلىشى لازىم» دېدى.
7 – ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇتئوغلۇ ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالغاندا، «سۈرىيەدىكى كىرىزىس ھەرگىزمۇ تۈركىيە – رۇسىيە كىرىزىسى ئەمەس، ھەمدە بۇنداق بولماسلىقى كېرەك» دېدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 8 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزلىرىنىڭمۇ تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بوزۇلۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «مەرسىن ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى رۇسلار ئىشقا كىرىشتۈرمىسە، باشقىلار ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ. دەرۋەقە رۇسىيە ئۇ يەرگە 3 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سالدى. شۇڭا بۇ ھەقتە تېخىمۇ سەزگۈر بولۇشقا تېگىشلىك تەرەپ رۇسىيەدۇر. دەرۋەقە بىز رۇسىيەنىڭ بىرىنچى دەرىجىدىلىك تەبىئىي گاز ئىستېمال قىلغۇچىسىمىز. تۈركىيەنى قولدىن بېرىپ قويۇش رۇسىيەگە نىسبەتەن چوڭ زىياندۇر. تۈركىيە زۆرۈر تېپىلغاندا تەبىئىي گازنى ئوخشىمىغان جايلاردىن سېتىۋېلىشى مۇمكىن. تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئالى ھەمكارلىق كېڭىشى مېخانىزمى بار. بۇنداق مېخانىزمنى قولدىن بېرىپ قويۇش رۇسىيە ئۈچۈن زور خاتالىق بولسا كېرەك.»
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، شۇ كۈنى رۇسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىشى توغرۇلۇق توختالغاندا، «تۈركىيەنى ھەر تۈرلۈك خەۋپتىن قوغداشقا تەييارمىز» دېدى.
رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋلادىمىر چىجوۋ، 9 – ئۆكتەبىر كۈنى موسكۋانىڭ تۈركىيەنى «دوست دۆلەت» ۋە «مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەت» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «موسكۋا بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق ئالاقە لىنىيەلىرى ئوچۇق. ھەربىي ئالاقە لىنىيەلىرىمۇ شۇنداق. رۇسىيە ھەربىي دائىرىلىرى ئوتتۇرىغا چىققۇسى ھەرقانداق بىر مەسىلە ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىدۇ» دېدى.
9 – ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ماۋى ئېقىم لايىھەسى لىنىيەسىدىن 3 مىليارد كۇب مېتىرلىق قوشۇمچە گاز تەلىپىگە مۇناسىۋەتلىك پوزىتسىيە ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن گازپروم شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئالاكسېي مىللېر، تۈركىيە ئېقىمى لىنىيەسى ئارقىلىق كەم دېگەندە 2 مىليارد كۇب مېتىرلىق قوشۇمچە گاز بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.
تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالابويۇن، 10 – ئۆكتەبىر كۈنى ئاققۇيۇ لايىھەسى توغرۇلۇق توختالغاندا، «لايىھە توغرۇلۇق تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مەسىلە يوق. لايىھە پىلان بويىچە داۋاملاشماقتا. بۇ ھەقتە مىنىستىرلىقىمىز بىلەن لايىھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاققۇيۇ شىركىتى ماس قەدەمدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا» دېدى. ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيەدە يادرو ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەدىن 78 ئوقۇغۇچى موسكۋا ۋە پېتېرسبۇرگقا ئەۋەتىلدى.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
رۇسىيەنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىگە ئاكتىپ ھالدا داخىل بولۇشى تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى قاتتىق يىرىكلەشتۈرۈۋەتتى. چۈنكى رۇسىيە سۈرىيەدە پەقەت دائېشقا قارشىلا ھۇجۇم قىلمايۋاتىدۇ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىۋاتقان ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەممىسى رۇسىيە ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنىۋاتىدۇ. دېمەك، مەسىلە پەقەت رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىيىشى، تۈركىيەگە نىسبەتەن يېڭى كۆچمەنلىك دولقۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باياناتلىرىنى بۇ دائىرىدە ئانالىز قىلىش لازىم. بىراق بۇ باياناتلارغا قاراپلا تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى ئېيتىشقا تېخى بالدۇقلۇق قىلىدۇ. چۈنكى تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ بىر - بىرىگە بولغان ئېھتىياجى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر