تۈرك كېڭىشى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى

11 – سېنتەبىر كۈنى ئاستانەدە چاقىرىلغان تۈرك كېڭىشى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى

391692
 تۈرك كېڭىشى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى

5 – نۆۋەتلىك تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى 2015 – يىلى 11 – سېنتەبىر كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە چاقىرىلدى. يىغىننىڭ تېمىسى «ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ھەمكارلىقى» ئىدى. يىغىنغا قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ساھىبخانىلىق قىلدى. يىغىنغا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمەت يىلماز ۋە تۈركمەنىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ساپاردۇردى تويلىيېۋ قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا يەنە تۈرك كېڭىشى قارمىقىدىكى ئاقساقاللار كومىتېتى، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلى، تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى، تۈرك مەدەنىيىتى ۋە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى.
ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان يىغىندا، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. دۆلەت باشلىقلىرى تەشكىلاتنىڭ يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرغان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي ساھەدىكى پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، يىغىندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، كېڭەشنىڭ كەلگۈسىدە ئۇزاق مەزگىللىك ۋە تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ساھەدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رەھبەرلەر خەلقئارا تۈرك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ قولايلاشتۇرۇلۇشى ۋە ساياھەت جەھەتتىن ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىدە باش مەركىزى بېكىتىلگەن تۈرك كېڭىشى زامانىۋى يىپەك يولى ئورتاق ساياھەت لايىھەسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا يوليورۇق چۈشۈردى.
يىغىندا، تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان لىنىيەنى بويلاپ قاتناش ۋە تاموژنا ساھەسىدە ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىشى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ يىغىندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، يېقىن كەلگۈسىدە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى ھەمدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھازار رايونىدا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
دۆلەت باشلىقلىرى، تۈرك ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ھازىرلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتقان ئورتاق تارىخ كىتابىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەشىردىن چىقىشى، شۇنداقلا ئورتاق جۇغراپىيە ۋە ئەدەبىيات كىتابلىرىنى نەشىر قىلدۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭمۇ تېزلەشتۈرۈلۈشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەشتى.
يىغىندا، كىيېۋدا تۈرك كېڭىشى رايونلۇق دىئاسپورا مەركىزىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. تۈرك كېڭىشىنىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشىنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلدى. تۈرك كېڭىشىنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئافغانىستان ئۈچۈن ئىستانبۇل باسقۇچى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى قارارلاشتۇرۇلدى. تۈرك كېڭىشىنىڭ دۇنيا تاموژنا تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت كومىتېتى ۋە خەلقئارا تەنتەربىيە بىخەتەرلىكى مەركىزى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىنىشى دۆلەت باشلىقلىرىنى ئىنتايىن خۇرسەن قىلدى. تۈرك كېڭىشىنىڭ دۇنيادا مەيدانغا كېلىۋاتقان سىياسىي ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن نەزەربايېۋ، تېررورىزم ۋە رادىكال ئېقىملارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.
يىغىندىن كېيىن دۆلەت باشلىقلىرى تۈرك كېڭىشىنىڭ 5 – نۆۋەتلىك باياننامىسىنى ئىمزالىدى. تۈرك كېڭىشى مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە ئوپېرا كوچمان، تۈرك مەدەنىيىتى ۋە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە گۈناي ئەفەندىيېۋنىڭ تەيىنلىنىشى قارارلاشتۇرۇلدى. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ۋە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. تۈرك كېڭىشى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ۋە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئوتتۇرىسىدىمۇ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.
يىغىن قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ھەيئەت باشلىقلىرىنىڭ شەرىپىگە بەرگەن زىياپەت ۋە ئارقىدىن قازاق خاقانلىقىنىڭ 550 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بىلەن يېپىلدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كېلەر قېتىملىق يىغىن 2016 – يىلى قىرغىزىستاننڭ چولپان ئاتا شەھىرىدە چاقىرىلىىدكەن.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىن بۇرۇن 2015 – يىلى 10 – سېنتەبىر كۈنى ئاستانەدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، بىشكەكتە تۈرك كېڭىشىگە قاراشلىق گۆچەبە مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشى توغرۇلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلدى. بۇ ئارقىلىق، تۈرك ئاكادېمىيەسى، تۈرك مەدەنىيىتى ۋە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى ۋە گۆچەبە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلمىلىشىشى يولىدا مۇھىم بىر قەدەم تاشلانغان بولدى.
تەشكىلاتنىڭ خەلقئارا تۈرك خەۋەر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ قۇرۇلۇشىدا باشلامچىلىق رولىنى ئوينىشىنى يىغىندا ئالدىنقى پىلانغا چىققان مۇھىم ئۆزگىرىش دېيىش مۇمكىن. بۇلتۇر قارار ئېلىنغان تۈرك كېڭىشى زامانىۋى يىپەك يولى ئورتاق ساياھەت لايىھەسىنىڭ بۇ يىل ئىجرا قىلىنىشقا باشلىشىمۇ كىچىككىنە مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. ئاخىرىدا ھەممىمىز قازاق خاقانلىقىنىڭ 550 – يىللىقىنى چىن دىلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر