«ئەپەندى»كەلىمىسىنىڭ تۈرك كۈلتۈرىدىكى ئورنى

تۈركلەر بىلەن تونۇشۇش قوللانمىسى ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە «ئەپەندى» كەلىمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تۈرك كۈلتۈرىدىكى ئورنى توغرىسىدا

338275
«ئەپەندى»كەلىمىسىنىڭ تۈرك كۈلتۈرىدىكى ئورنى

كەلىمىلەر ئىچىدىغان چىققان جەمئىيەتكە ئەكس ئېتىدىغان سېمۋوللۇق ئەينەكلەرگە ئوخشايدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر مىللەتكە خاس بولۇپ كەتكەن نۇرغۇن كەلىمە بولۇپ، بۇ كەلىمىلەر جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى كۈچلۈك دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرىدۇ. «ئەپەندى» كەلىمىسىمۇ تۈركىيە جەمئىيىتى ئۈچۈن ئەينەك فونكسىيەسى ئۆتەيدىغان كەلىمىلەردىن بىرىدۇر.
تۈركلەرنى يېقىندىن تونۇيدىغان چەتئەللىكلەرگە تولىمۇ تونۇشلۇق بولغان بۇ كەلىمە، تۈركچىگە خاس تۈسكە ئىگە بولۇپ، چوڭقۇر تارىخىي مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۈگۈن دەل بۇ كەلىمىلەر ئۈستىدە بىر ئاز توختىلىمىز.
ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى نىھاد سامى تۈركچىگە كىرىپ تۈركچىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن كەلىمىلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تۈرك زوقى ۋە كۈلتۈرى بۇ كەلىمىلەرنى گۈل-چىچەكلەرگە ئوخشاش يىغىپ چىقىپ، ئۆزى زوقى ۋە مەنە باغچىلىرىدا ئۆستۈرۈپ گۈزەللاشتۈرۈش ئارقىلىق تۈركچىنىڭ بايلىقىغا ئايلاندۇرغان ۋە ھەر بىرى يۈزلەرچە يىلدىن بۇيان تۈركلەرنىڭ تىللىرى، كۈلتۈرلىرى، كۆڭۈل تىلى بولغان.»
بۇ كۆڭۈل تىلىغا تەۋە بولۇپ كەتكەن سۆزلەردىن بىرى ئەپەندىدۇر. بىز ئىشنى بۇ سۆزنىڭ يىلتىزى بىلەن باشلايلى، بەزىلەرنىڭ قارىشىچە گىرىكچە « afthentis » كەلىمىسىدىن كېلىدىكەن ئەپەندى سۆزى. قۇل خوجايىنلىرىغا بولغان بېرىلگەن نام ئىكەن، كونا يۇنان جەمئىيىتىدە ھۆرمەت خىتابى سۈپىتىدە ئوخشاش جەمئىيەتتە « authentes » تەبىرىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
يەنە بىر قاراشقا كۆرە، كەلىمنىڭ يىلتىزى ئۇيغۇرچىگە تايىنىدۇ. تۈرك شىۋىلىرى لۇغىتىدە ئۇيغۇرلار ھۆرمەتكە لايىق كىشىلەرگە «ئاپاندى»ياكى «ئەپەندى» دەيدىكەن. ئەمەلىيەتتە سۆزنىڭ يىلتىزى ھەققىدىكى قاراشلار ئۇنچىۋېلا مۇھىم ئورۇندا تۇرمايدۇ. چۈنكى تۈركلەرنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈشتىكى مۇۋاپىقىيىتىدۇر. تۈركلەر ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچراشقاندا پايدىلىق ئامىللارنى قوبۇل قىلىشقا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ مەدەنىيەتلەرنى ئۆز مەدەنىيىتىگە خاس ھالەتكە ئېلىپ كېلەلەيدۇ.
دەرۋەقە، ئەپەندى سۆزىمۇ مۇشۇنداق بولغان بولۇپ، بۇ كەلىمە تۈركلەرگە خاس خىتاپ تۈسىنى ئېلىپ، دۇنيا مۇشۇ تەرىقىدە بىلىنىدۇ. بىراق ئۇنى پىروگراممىمىزنىڭ تېمىسى سۈپىتىدە تاللىشىمىزدىكى سەۋەب ئۇنىڭ خىتاب شەكلى بولۇش بىرگە، تۈركىيەدىكى تۇرمۇش شەكلى، ئىنسان ۋە دۇنيا چۈشەنچىسى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىدۇر.
تۈركىيەدە ئاياللار «خانىم ئەپەندى»، ئەرلەر بولسا «بەگ ئەپەندى» دەپ چاقىرىلىدۇ، يەنى ئىنسانلار پۈتكۈل ئۇنۋانلىرىنى ھالقىغان ھالدا ئېسىللىك ۋە نازاكەت ئىچىدە تەرىپلىنىدۇ.
ئەپەندى كەلمىسى دەسلەپ ئاقسۆڭەك ئۇنۋانى سۈپىتىدە ئىشلىتىلەتتى. سەلتەنەت ئىگىلىرىگە، دۆلەت ئەربابلىرىغا بۇ ئۇنۋان لايىق كۆرەلەتتى. جەمئىيەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەرلىك، ئېتىبار ۋە قىممەتنى ئىپادىلەيدىغان باشقا كەلىمىلەر بولسا بەگ، چەلەبى ۋە خانىم قاتارلىقلار ئىدى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئوسمانلى جەمئىيىتىدە ئەپەندى كەلمىسى ئۆز مەنىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە باشلىدى. دۇنياۋى ئىمپېرىيە ھالىتىگە كەلگەن ۋە دۇنيا مەدەنىيىتى بەرپا قىلغان تۈركلەرنىڭ، كۈندىلىك تۇرمۇشلىرىدىمۇ بۇ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە لايىق نازاكەت ۋە ھۆرمەت ھۆكۈمران ئىدى. دەل ئەپەندى كەلىمىسى بۇ جەھەتتە ئىلىم خۇمارلىقنى، ھۆرمەتكە سازاۋەرلىكنى، ئېتىبارلىقنى ۋە نازاكەتنى ئىپادە قىلىدىغان ئىبارە سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.
بۇ كەلىمە ياش مەدرەسە ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدىغان ھالەت شەكىللەندى.ياكى كېلىنچەكلەر ۋە كىيئوغۇللار قىيىن ئاتىلىرىغا «ئەپەندى ئاتا»، قىيىن ئانىلىرىغا «ئەپەندى ئانا»غا ئوخشاش تەبىرلەر بىلەن خىتاب قىلاتتى. ئاكا-ئۇكىلار ۋە يېقىن دوستلار «ئەپەندى بۇرادىرلەر» بولۇپ كەتكەنىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ كەلىمە ھەممە كىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھۆرمەت خىتاب شەكلى ھالىتىگە كەلدى. ئەرلەر ئۈچۈن بەگ ئەپەندى، ئاياللار ئۈچۈن خانىم ئەپەندى تەبىرى خەلق ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشتى. بۇ ئەھۋال كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلدى.
1913-يىلى ئانادولۇنى كېزىپ چىققان ۋېنگىرىيەلىك يازغۇچى بەلا ھورۋاسنىڭ مۇنۇ سۆزىگە قۇلاق سالايلى:«بۇ دۆلەتتە ناۋاينىڭ شاگىرتىدىن، سۇلتانغىچە ھەممە ئادەم ئەپەندى... ئاددەتتىكى بىر كىشىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار ياكى دۆلەت ئەربابى بولالايدۇ. بىر قۇل قوماندان بولالايدۇ. ئوخشىمىغان دىنغا تەۋە كىشىلەرمۇ تىرىشسا ئەمەلدار بولالايدۇ.»
ھورۋاسنڭ بۇ سۆزلىرىدىن شۇنى چۈشىنۋالالايمىزكى، تۈرك جەمئىيىتىدە تارىختىن بۇيان چوڭقۇر سىنپىي پەرق بولمىغان. ئانادولۇدا ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس ‹ئەپەندى› بولۇشىدا بۇ ھادىسىنىڭمۇ تەسىرى بار.
ھەر سىنىپ ۋە تەبىقە كىشىلىرىدىن سۆزلىرىدىمۇ بۇ ئەھۋال تولۇق گەۋدىلىنىدۇ. مەسىلەن، ‹ئەپەندى› كەلىمىسى ھەر قانداق گەپنىڭ بېشىدا ئىشلىتىلىدىغان خىتاب ھالىتىگە كەلگەن. نۇرغۇن كىشى كۆنۈپ قالغانلىقتىن سۆزىنى ‹ئەپەندىم› دەپ باشلايدۇ. بۇ ھۆرمەتنى ۋە قارشى تەرەپكە بولغان ئېتىبارنى ئىپادە قىلىدۇ. بۇ كەلىمە ئوخشاشلا، كەمتەرلىكنىمۇ ئىپادىلەيدۇ.
بۇ كەلىمە يەنە بىر جامائەت ئىچىدە جېدەل ياكى كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرگەندە، تەرەپلەرنى بېسىقتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم سۆز ھالىتىگە كەلگەن، مەسىلەن، قاتتىق ئاچىقلىنپ تۇرغان كىشىگە: ئەپەندى سىز ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى جېدەلدىن ئۆزىنى تارتىدۇ.
تۈركلەرنىڭ ئەپەندىلىكى سېخىيلىق جەھەتتىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ. ھەتتا بۇ ئەھۋال مۇبالىغە تۈسىگىمۇ كىرىپ قالغان. مەسىلەن، كاپىستالىست دۇنيادا ئومۇملاشقان ۋە تۈركىيەدە ‹گېرمانىيە ئۇسلۇبى›دەپ بىلىنىدىغان ئۇسۇل بۇ دۆلەتتە ھەر ۋاقىت بىنورمال دەپ قارىلىپ كەلگەن. بۇ بىرەر زىياپەتتە ھەممە ئادەم ئۆز تامىقىنىڭ پۇلىنى ئۆزى تۆلەش ئۇسۇلىدۇر. ئەمما تۈركىيەدە كىشىلەرنى تاماقتا ياكى زىياپەتتە پۇل تۆلەش ئۈچۈن بىر-بىرىگە بەيگىگە چۈشىدۇ. تاماق پۇلىنى تۆلىۋېتىش ئۇلارغا بىر يۈك بولماستىن، بەلكى زوق ۋە چوڭلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئەمدى ئەپەندى تەبىرىنىڭ كەينىدىكى چوڭقۇر ۋە يوشۇرۇن مەنىلەرنى ئىزاھلاپ ئۆتەيلى، تۈركلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بۇ خىتاب شەكلىنىڭ مەنىلىرىنى بىلىش ئۈچۈن مەشھۇر مۇتەپەككۇر مەۋلانانىڭ دىۋانى كەبىر كىتابىغا مۇراجائەت قىلايلى. چۈنكى مەۋلانا بۇ كەلىمىنى كىتابىدا نۇرغۇن جايدا ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاۋۋال ئەپەندى بىرلىك ۋە تەرتىپنى ساقلىغۇچى كىشىدۇر. مەۋلانا بازار باشقۇرغۇچىلىرى ئۈچۈن بۇ خىتابنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئارقىدىن، ئەپەندى ئادالەت بەرپا قىلغۇچى كۈچتۇر. مەۋجۇدلۇقى بىلەن سايىنى يوق قىلىدىغان قۇياشتۇر، ھەممە كىشى ئۇنىڭدىن خاتىرجەم.
ئەپەندى ئوخشاشلا، ھەر ئىشنى بولۇشقا تىگىشلىك تەرىقىدە قىلىشقا تىرىشىدىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ. سۈتكە ئاق، شېكەرگە تەم، ئاي ۋە قۇياشقا نۇر بېرىدۇ مەۋجۇدلۇقى بىلەن.
ئەپەندى سىېخىي كېلىدۇ. ئىئانە قوبۇل قىلمايدۇ، ئىئانە بېرىدۇ، قەرز ئالمايدۇ، قەرز ئالغان بولسا نەچچە ھەسسە قايتۇرىدۇ، ئەپەندىنىڭ يۈزى يورۇقتۇر، ئىنسانغا ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ.
قىسقىسى، ئەپەندى كەلىمىسى قابىل ئىنسان تەبىرىگە تەۋە نېمە بولسا ئىچىگە ئالغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئىنسانغا ئەدەب-ئەخلاقلىق ۋە پاكىز تۇرمۇشقا ئىگە بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاندا ئىنسان ئاندىن ئەپەندى دېگەن سۈپەتكە لايىق بولىدۇ. بۇ ئەر ۋە ئايالغا ئوخشاش بولۇپ، مۇھىمى، ئەدەب-ئەخلاقلىق، ئېسىل، كەمتەر، ئىشەنچىلىك بولۇش كېرەك. ئەپەندى بولۇش پەزىلەتلىك ئىنسان بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەپەندىلىك يەنە ئىنساننىڭ روھىي ھالىتى، مىجەزى قاتارلىقلارنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىمۇ تەقەززا قىلىدۇ. كۈچلۈك نازاكەت ئىلىم بىلەن كەمتەرلىك، ئەپەندىلىك بىلەن خىزمەتكارلىق ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئورنىتىشنى تەقەززا قىلىدۇ. مۇنداق بىر تۇراقلىق ئىبارە بار: خىزمەت قىلىشنى بىلمەيدىغان كىشى ئەپەندىمۇ بولالمايدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر