مەرسىن ۋە مەرسىن ئۇنىۋېرسىتېتى -1

مەرسىن ۋە مەرسىن ئۇنىۋېرسىتېتى ھەققىدە

318113
مەرسىن ۋە مەرسىن ئۇنىۋېرسىتېتى -1

ئۆتكەن ھەپتە سىلەرگە ئاق دېڭىزنىڭ تارىخىي، كۈلتۈرى ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان گۈزەل شەھەر مەرسىننى ۋە بۇ شەھەردىكى بىلىم ئوچىقى بولغان مەرسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنى بىر ئاز تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەنىدۇق. «دۇنياۋى قىممەت ئۆلچەملەر ئوچىقى» شوئارى بىلەن، زامانىۋىلىق ۋە بىلىمنىڭ تۈرتكىسىدە خەلقئارادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان مەرسىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئاكادېمىك سەۋىيەگە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. مەرسىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن زامانىۋى تۈركىيەنىڭ تېخنولوگىيەلىك، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدە تەرەققىي قىلىشىغا ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئالىي بىلىم يۇرتىدۇر. مەرسىن ئۇنىۋېرسىتېتى سۈپەت ۋە ئىلمىي خىزمەتلىرىنى مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار تەرىپىدىن بېرىلگەن گۇۋاھنامىلەر بىلەن ئېتىراپ قىلدۇردى. بۇ گۇۋاھنامىلەر ئارىسىدا ياۋروپا كومىتېتى تەرىپىدىن بېرىلگەن ياۋروپا نومۇرلۇق ئالمىشىش سىستېمىسى ۋە دېپلوما ئىلاۋە گۇۋاھناملىرىمۇ مەۋجۇت. ياۋروپادا نوپۇزلۇق ۋە بىردەك ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن بۇ گۇۋاھنامىلەر، ئالىي مائارىپ ساھەسىدە سۈپەتلىك ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي، دەپ قارىلىدۇ. ياۋروپا دائىرىسدە ئېتىراپ قىلىنىش، قوبۇل قىلىنىش ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئارا ھەمكارلىق قاتارلىق پۇرسەتلەرنى تەقدىم قىلىدۇ.
بۇ ھەپتە مەرسىن ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ مۇدىرى پىروفېسسور دوكتۇر ئەھمەت چامسارى بىلەن مەرسىن ۋە مەرسىن ئۇنىۋېرسىتېتى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىمىزنىڭ قالغان قىسمىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.

چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار نېمە ئۈچۈن مەرسىندە ئوقۇشنى تاللىشى كېرەك؟ دېگەن سوئالىمىزغا مەكتەپ مۇدىرى مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەرسىن بىر پورت شەھىرى بولۇش بىلەن بىرگە، مىڭلارچە يىللىق مەدەنىيەت ئاساسىي بولغان كۈلتۈر شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغىمىزدا ئوخشىمىغان كۈلتۈرلەر مەرسىندە بىر يەردە بىمالال ياشىيالايدۇ. شۇنداقلا مەرسىندە قاتناش شۇنداق قولاي، قونالغۇلارمۇ شۇنچىلىك كەڭ كۇشادە، بۇلار بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەرسىندە ياشاشمۇ شۇنچىلىك ئازدە ۋە راھەت، ھەم ئەرزانچىلىق.»
«چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار مەرسىن ئۇنىۋېرسىتېىتىدا ئوقۇشنى نېمە ئۈچۈن تاللىشى كېرەك» دېگەن سوئالىمىزغا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ جاۋابى مۇنداق بولدى: «ئالىي مەكتىپىمىزدىكى تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق پىروگراممىلىرى دەۋىرىمىزنىڭ ئېھتىياجلىرىغا تولۇق جاۋاب بېرەلەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار مەكتىپىمىزدە بىمالال ئوقۇيالايدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تەمتىرەپ قالمايدۇ، ئوقۇتقۇچى ۋە تەتقىقاتچى قوشۇنىمىز تولىمۇ كۈچلۈك، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلىشىمىزمۇ شۇنچىلىك ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىي مەكتىپىمىز كۈلتۈر جۇغلانمىسى تولىمۇ مول، تەبىئىي مەنزىرىسى شۇنچىلىك گۈزەل بىر شەھەرگە جايلاشقان، مېنىڭچە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار چوقۇم بۇ نېمەتلەردىن بەھرىمان بولۇشى كېرەك. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار كېلىپلا بىر يىل تۈركچە ئۆگىنىدۇ، ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ھەر قايسى كەسپىلەرگە كىرىپ ئوقۇيالايدۇ.

مەكتەپ مۇدىرىدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قانداق شارائىت يارىتىپ بېرىلگەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلىرىمىز تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ھەق ھوقۇق بېرىلگەن ۋە شارائىت يارىتىلغان بولسا ئۇلارمۇ ئوخشاشلا بەھرىمان بولالايدۇ. قونالغۇ ۋە ئوقۇش پۇلى ئىمكانىيەتلىرىدىن بىمالال پايدىلىنالايدۇ. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككى خىل شەكىلدە قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ ، بىرىنچىسى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىك چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ئىدارىسى ۋاستىسى بىلەن كەلگەن ۋە تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى سالاھىيتىدىكى ئوقۇغۇچىلار، ئىككىنچىسى ئۆز خىراجىتىگە تايىنىپ ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلاردۇر. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سۈرىيە ۋە ئىراققا ئوخشاش جەنۇبتىكى قوشنىلىرىمىزدىن دۆلىتىمىزگە كېلىپ ئوقۇش پۇرسەتلىرىدىن پايدىلانماقتا. شۇنداقلا، رۇسىيە، رومىنىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بار...بولۇپمۇ كورىيە كېيىنكى يىللاردا مەرسىندە تەسىس قىلغان كۈلتۈر مەركىزى بىلەننمۇ مەرسىنگە تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە.
باش مىنىستىرلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئافرىقىدىن كېلىدۇ. بولۇپمۇ نىگېرىيە، سومالى، ئافغانىستان، بېنىن، سۇدان، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەردىن تۈركىيەگە كېلىدۇ. بالقان دۆلەتلىرىدىن سىربىيە، قاراداغ قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ ئوقۇغۇچىلار كېلىدۇ. تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى كېيىنكى يىللاردا خەلقئارادا خېلى نوپۇزلۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى قاتارىدىن سانالماقتا ۋە بۇ ئوقۇش پۇلىدىن پايدىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا ئاشماقتا.
مەرسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركىيە ئوقۇش پۇللىرى ۋاستىسى بىلەن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا قونالغۇ ۋە تۈركچە تەييارلىق ئىمكانىيەتلىرى ھەقسىز يارىتىپ بېرىلدى. ئوقۇغۇچىلار مەرسىنەدە تەلىم ئالغانلىقتىن تولىمۇ خوشال. مۇھىمى مەرسىن تارىخىي ۋە كۈلتۈر شەھىرىدۇر. قانتاش ئىمكانىيەتلىرى شۇنداق ياخشى. تۈركىيە ئوقۇش پۇللىرىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار تەتىللەردە تۈركىيەنىڭ باشقا ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان دوستلىرى تۇرۇۋاتقان شەھەرلەرنى ساياھەت قىلىدۇ. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلىرىمىز مەرسىنگە ئاسانلا كۆنۈپ كېتىدۇ.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر