ئەھمەت تاغا ۋە ئۇنىڭ كەپتەرلىرى

بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ئەلگەك سامان ئىچىدە، تۆگە دەللال، بۈرگە ساتىراش ئىكەن. ئانام بۆشۈكۈمنى تەۋرەتكەن كۈنلەرنىڭ بىر قىش كۈنى ئەڭ كۆپ قار ياغقان ئىكەن.

271293
ئەھمەت تاغا ۋە ئۇنىڭ كەپتەرلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ئەلگەك سامان ئىچىدە، تۆگە دەللال، بۈرگە ساتىراش ئىكەن. ئانام بۆشۈكۈمنى تەۋرەتكەن كۈنلەرنىڭ بىر قىش كۈنى ئەڭ كۆپ قار ياغقان ئىكەن. قاتتىق شىۋىرغاندا يېرىلىپ كەتكەن دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى ئۇياقتىن – بۇياققا ئۇچۇپ يۈرۈپتۇ. سوغۇقتا پىيادىلەر پەلتولىرىنىڭ ياقىلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ تېز – تېز مېڭىشىپتۇ. يولدا خالتا كۆتۈرۈۋالغان بىر بوۋاي قاردا تىيىلىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلغان ھالدا ئاستا مېڭىپتۇ. بۇنى كۆرگەن كىچىك ئاردا دەرھال بوۋاينىڭ يېنىغا يۈگرەپ بېرىپتۇ، ۋە:
- تاغا سىزگە ياردەم قىلايمۇ؟ قولىڭىزدىكى خالتىنى مەن كۆتۈرۈۋالاي، - دەپتۇ.
- كۆپ رەخمەت بالام، - دەپتۇ بوۋاي ۋە:
- مېنىڭ ئىسمىم ئەھمەت، سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئىسمىم ئاردا.
- ئاردا، ماڭا ياردەم قىلماقچى بولغىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىش. بۇ خالتا ئېغىر، مەن كۆتۈرۈۋېرەي. ئىچىدە كەپتەرلەرنىڭ دېنى بار، - دەپتۇ.
- كەپتەرلەرنىڭ دېنى؟! ئەھمەت تاغا سىز كەپتەرلەرگە يەم بېرەمسىز؟ - دەپ سوراپتۇ ئاردا.
- ھەئە، بۇنداق قار كۆپ ياغقان كۈنلەردە قۇشلار دان تاپالمايدۇ. ئۇلارغا ياردەم قىلساق، ئۇلارنىڭ سوغۇقتىن ئامان - ئىسەن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلغان بولىمىز، - دەپتۇ، ئەھمەت تاغا.
- ئۇنداق بولسا، ھازىر كەپتەرلەرگە نېمە بېرىمىز، - دەپ سوراپتۇ ئاردا.
- ئۆيدە ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان نانلارنى سۇغا چىلاپ يۇمشاتقاندىن كېيىن بەرسەكمۇ بولىدۇ. ياكى بۇغداي چېچىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ. مەن بۈگۈن ئۆيدە يىمەي تۇرۇپ قالغان ئازىراق نان ۋە بۇغداي ئېلىپ كەلدىم. قانچىلىك كەپتەرنىڭ دانلىغىلى كېلىدىغانلىقىنى ئەمدى كۆرىسەن، - دەپتۇ. ئەھمەت تاغا ئالدىدا، ئاردا ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇدۇلدىكى باغچىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئەھمەت تاغا خالتىدىن كىچىك – كىچىك نان پارچىلىرىنى قار ئۈستىگە چېچىپتۇ. ئۇلار بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن قاراپتىكەن، نېمىنى كۆرۈپتۇ دېمەمسىلەر، قارنىڭ ئۈستىدىكى نان پارچىلىرى بىردەمدىلا پاك – پاكىزە تۈگەپتۇ. ئەھمەت تاغا ئارداغا قاراپ:
- سەن ناھايىتى ياردەمسۆيەر بالىكەنسەن. قارا، بىر تەرەپتىن قاردا دان تېپىشتا قىينالغان قۇشلارغا ياردەم قىلىسەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان نانلارنىڭ ئىسىراپ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولىسەن، - دەپتۇ. چۆچىكىمىزمۇ بۇ يەردە ئاخىرلىشىپتۇ، چۆچىكىمىزنى ئاڭلىغان كىچىك دوستلار پۇشۇلدىغىنىچە بۇخاراغا كېتىپتۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر