رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ خەلقئارا ساھەدىكى ھەمكارلىقى

يېقىندىن بۇيانقى رۇسىيە – خىتاي ھەمكارلىقى ياكى خىتاينىڭ رۇسىيەگە بەرگەن ياردەملىرى ھەققىدە

223328
رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ خەلقئارا ساھەدىكى ھەمكارلىقى

غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسى كېڭەيگەنسېرى بېيجىڭنىڭ موسكۋانى قوللاپ بېرىۋاتقان باياناتلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرىمۇ يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ يىغىنلىرى ۋە ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشلىرىدا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرگەن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇ ھەمكارلىقىنىڭ قانچانغىچە داۋاملىشىشىنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ. ئالدى بىلەن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيانقى ھەمكارلىقى ۋە بىر – بىرىنى قوللىشىدەك مۇھىم ئۆزگىرىشلەرگە قىسقىچە نەزەر تاشلاپ چىقايلى.
«‹ The Washington Free Beacon› ئىنتېرنېت گېزىتى»، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رۇسىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياۋروپانىڭ كرېمىلنى جازالاندۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى يازدى. ھەممىگە مەلۇمكى، خىتاي ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە باشتىن تارتىپلا رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنى قوللاپ كەلمەكتە.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى، 26 – يانۋار كۈنى زۆرۈر تېپىلغاندا خىتاينىڭ رۇسىيەگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ئۈچ يىل بويىچە 150 مىليارد يۈەن قىممىتىدە 3 يىللىق پۇل ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلدى. تەرەپلەر رازى بولغان تەقدىردە بۇ كېلىشىمنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
داۋوس خەلقئارا سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى دائىرىسىدە رۇسىيە بىلەن خىتاي كارخانىچىلىرى تۇنجى قېتىم مەخسۇس ئۇچراشتى.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى شېن دانياڭ، «خىتاي – رۇسىيە سودا ھەمكارلىقىنىڭ كېلەچىكىگە ئىشەنچ بىلەن قارايمىز. ئومۇمىي ۋەزىيەتكە نەزەر تاشلانغىنىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىر – بىرىنى تاماملايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» تەرىقىسىدە بايانات ئېلان قىلدى. 2014 – يىللىق سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 6.8 ئېشىپ، 92.28 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
رۇسىيە – خىتاي – ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 13 – نۆۋەتلىك يىغىنى 2 – فېۋرال بېيجىڭدا چاقىرىلدى. ئۈچ دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىق ۋە دۇنيا سىياسىتىنىڭ كۈنتەرتىپىنى مەشغۇل قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى، رۇسىيە ۋە ھىندىستان بىلەن يېڭى يېپەك يولى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ساھەدە «بىرلا يول – بىرلا كۈچ» پىرىپسىپى دائىرىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى جاكارلىدى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بولسا، «رۇسىيە – خىتاي – ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچكە ئاساسلىنىدىغان دىيالوگ، خەلقئارا سىياسەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى، شۇنداقلا رۇسىيە، خىتاي ۋە ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى رولىنىڭ كۈچەيتىلىشى، كۆپ قۇتۇبلۇق دۇنيا سىستېمىسىغا ئۆتۈش باسقۇچىنىڭ نامايەندىسى» دېدى.
ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا BRICS نى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. يىغىندىن كېيىن قوشما باياننامە ئېلان قىلىندى. يىغىننىڭ يەنە بىر مۇھىم نەتىجىلىرىنىڭ بىرى، ھىندىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى ئىدى.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئۆتكەن ھەپتىلەردە ئامېرىكىدا چىقىدىغان ھەپتىلىك، «‹ The Trumpet › گېزىتى»، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكىغا ناھايىتى زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي – لاتىن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 2000 – 2009 – يىللىرى % 1200 ئاشقانلىقىنى، خىتاينىڭ كېلەر يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، رايون بىلەن سودا جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتىدىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭمۇ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە لاتىن ئامېرىكىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە بەرپا قىلغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى رېمۇنت قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ موسكۋانى لاتىن ئامېرىكا بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى يازدى.
ھەممىگە مەلۇمكى، خىتاي ۋېنېسۇئېلانىڭ نېفىت ساھەسى، پېرۇنىڭ مىس سانائىتى، ئارگېنتىنا ۋە بىرازىلىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىماقتا. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھازىردىن باشلاپلا ۋېنېسۇئېلانى 20 مىليارد ، ئېكۋادورنى 7.5 مىليارد دوللارلىق كىرېدىت بىلەن تەمىنلەش لايىھەسىنى ماقۇللىدى.
رۇسىيەنىڭ ئورتاق ئالەم بوشلۇقى ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپى سۇنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. رۇسىيە ھەربىي سانائىتى كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئالەم بوشلۇقىدا ھەمكارلىق» تەكلىپىنىڭ، بۇ يىل ئۇفادا چاقىرىلىدىغان BRICS ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.
«‹ Vedomosti› گېزىتى»، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ S-400 Triumf كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۆتكەن يىلمۇ «‹ Kommersant› گېزىتى» شۇنداق بىر دەۋانى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. گېزىتنىڭ خەۋىرى ئىسپاتلانغان تەقدىردە، خىتاي رۇسىيەنىڭ يېڭى ئەۋلاد ھاۋا مۇداپىئەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئالىدىغان تۇنجى دۆلەت بولىدۇ.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
خەلقئارا سىياسەتنىڭ تەقەززاسى رۇسىيە بىلەن خىتاينى بارغانسېرى يېقىنلاشتۇرماقتا. دۆلەتلىرىدە رەڭلىك ئىنقىلاب، ئارقا باغچىلىرىدا چەت ئەل كۈچلىرىنى كۆرۈشنى خالىمايدىغان، كۆپ قۇتۇبلۇق دۇنيا سىستېمىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىرادىسى قەتئىيدەك قىلىدۇ. بىراق بۇ ئەھۋال رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىر - بىرىگە قاراشلىق ئىتتىپاقداشلاردىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى «ئەجدىھا بىلەن ئېيىق» نىڭ بەختلىك ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولۇشىنى خىيال قىلىش تولىمۇ قىيىن.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر