تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇشى مۇمكىنمۇ؟

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تاشلاپ رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇشى مۇمكىنمۇ؟

167444
تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇشى مۇمكىنمۇ؟

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 104
«تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تاشلاپ رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇشى مۇمكىنمۇ؟»

ئۆتكەن ھەپتىلەردىن بىرى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئاجايىپ يىڭىلىقلار كۆرۈلۈشكە باشلاپ، مۇنازىرىلەر داۋاملاشماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتلەردە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان دەرىجىدىكى بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى بولدى. دەسلەپتە پۇتىن ئەنقەرە زىيارىتىدە جەنۇبىي ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لېنىيەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇنىڭ ئورنىغا تۈركىيە ئارقىلىق يېڭى بىر تەبىئىي گاز تۇرۇببا لېنىيەسى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ كۈتۈلمىگەن بايانات تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى. شۇڭا ھەتتا بەزى كۆزەتكۈزچىلەر تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ئارقىلىق بىر ئىتتىپاقلىقنىڭ شەكىلنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن 3 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل دەرھال تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى مونگىرىنى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىشىگە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىنسانپەرۋەر ياردەم ئىشلىرىغا مەسۇل ۋەكىللىرى ئەنقەرەدە تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى. بۇ ئۇچرىشىشلارغا دائىر ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان بىر سوئال ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىدى. ئۇ بولسىمۇ «ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقلىق قۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلامدۇ - قانداق؟» دېگەن سوئال بولۇپ، مونگىرىنى جاۋاپ بەرمىگەن تەقدىردىمۇ بۇ سوئال كەنتەرتىپتىن چۈشمەي كەلمەكتە. بولۇپمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەققىدىكى قاتتىق تەنقىدلىرى، «تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ۋاز كېچىپ رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقلىق قۇرۇشقا يۈزلىنىۋاتامدۇ - قانداق؟» دېگەن سوئالنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. بۇ سوئال ۋە ئەندىشىلەر ھەم تۈركىيەدە ھەم تۈركىيە سىرتىدا ئىزچىل تالاش تالارتىش قىلىنىشقا باشلىدى. ئەجىبا بۇ سۆزلەر زادى قانچىلىك توغرا؟ مۇشۇنداق ئەندىشىلەرگە ئورۇن بارمۇ؟
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامازان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانىلىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
** *** * **** *** **** ***** *** **** *****
توغرا، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بارغانچە كۈچەيمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتلەردىمۇ قىيىنچىلىقلار كۆپەيمەكتە. بىراق بۇ ئەھۋالغا قارىتا «تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۇزاقلىشىپ رۇسىيەگە يۈزلەنمەكتە» دەپ باھا بېرىش خاتا. بۇنىڭ ئورنىغا تۈركىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن رۇسىيەگە يېقىنلاشقانلىقىنى ۋە ياۋروپا بىلەن نېمە ئۈچۈن يېرىكلىشىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىش لازىم.
تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە تېزدىن يېقىنلىشىشىنىڭ مۇنداق ئىككى سەۋەبى بار:
1 – تۈركىيە خۇسۇسەن ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە خۇددى ياۋروپا ئەللىرىگە ئوخشاشلا رۇسىيەگە مۇھتاج. تۈركىيە بۇ مۇھتاجلىقنىڭ زىيىنى تارتىشنى خالىمايلا قالماستىن، بەلكى رۇسىيە بىلەن بولغان سودا، ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۈرۈپ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشماقتا.
2 – يەنى تېخىمۇ مۇھىمراقى، تۈركىيە سۇرىيە مەسىلىسىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن ئورتاق بىر فورمىلا شەكىلەندۈرۈشكە تىرىشماقتا. تۈركىيە ئەسەد ھاكىمىيىتى تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا دېموكراتىك بىر ھاكىمىيەت تۈزۈمى قۇرۇلىشى ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ، ھەتتا ئىراننىڭ سۇرىيە مەسلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭمۇ رۇسىيەنىڭ تەسىرىدە ئۆزگىرىشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنماقتا.
تۈركىيەنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇكرائىنا مەسىلىسى سەۋەبىدىن بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ زىغىرىغا تېگىپ قويغان بولۇشى ئېنىق. دەرۋەقە ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگولارغا رىئايە قىلماسلىقىنى خالىمايدۇ. ئەنسىرەشلىرىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇنىڭدىنلا ئىبارەتتۇر. شۇڭلاشقا «تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۇزاقلىشىۋاتىدۇ» دەيدىغان بىر ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس. تۈركىيەنىڭ مۇنداق ئىككى سەۋەب بىلەنلا ياۋروپادىن ئۇزاقلىشىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. بىرىنچىدىن تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسدىكى بۇ خىل مەسىلىلەر ئەنئەنىلىشىپ قالدى. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تۇلۇق ئەزالىق مۇزاكىرىلىرى 2007 – يىلىدىن تارتىپلا بىر كىرىزىسنىڭ ئىچگە كىرىپ قالغان شەكىلدە داۋاملاشماقتا. بۇ جەرياندا پات - پات ئۆزئارا تەنقىدلەر ئوتتۇرىغا تاشلىنىپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان بۇ تەنقىدلەر بىر ئاز ئەۋج ئېلىپ قالدى. بۇنىڭ نۇقتىلىق سەۋەبى بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «پاراللېل دۆلەت» دەپ ئاتالغان ئاتالمىش ژورنالېستلار ھەققىدىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى تۈپەيلى تۈركىيەنى تەنقىد قىلىشلىرى ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرى بولسا، ژورنالېستلارنىڭ سوتنىڭ ھۆكمى بىلەن سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، شۇڭا سوتنىڭ قارارىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. بۇنىڭدىن شۇنى چۈشۈنىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەردوغاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بىلدۈرگەن قاتتىق نارازىلىقى ئىستىراتېگىيەلىك بىر پىلان ئەمەس، بەلكى ۋەزىيەتكە ۋە تاكتېكىغا مۇناسىۋەتلىك پوزىتسىيەدىن ئىبارەتتۇر.
دەرۋەقە تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقلىقىدىكى ئىككىنچى ۋە ئەڭ ئەسلى سەۋەپ، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىنتايىن خوڭقۇر يىلتىز تارتقان ۋە ئاساسىي قۇرۇلمىلارغا ئىگە مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىدۇر. ئەردوغان ۋە ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ مونگىرىنى بىلەن بىرلىكتە تېخى بىر ھەپتە ئىلگىرى بايان قىلغىنىغا ئوخشاش تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا بولۇشى ئىستىراتېگىيەلىك بىر غايىدۇر. تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى ۋە ئەمەلىيىتى بىر ھەپتە ئىلگىرى بىلدۈرۈلگەن مەزكۇر باياناتلاردىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش نىشانى يالغۇز ئەمەلىي سىياسەتلا ئەمەس، بەلكى ئۆز نۆۋتىدە يەنە نورمال بىر ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.
ئەمەلىي سىياسەت نۇقتىسدىنمۇ تۈركىيە ئىقتىسادىي، ھەربىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئەمگەك كۈچى جەھەتتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شېرىكى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورت سودىسىنىڭ %60 تىگە يېقىنى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا. 4 مىليونغا يېقىن تۈركىيە پۇقرالىرى ياۋروپا ئەللىرىدە خىزمەت قىلماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسىمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەكشىلاتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى قاتارىدا ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان مۇستەھكەم رىشتىلەر تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى گۆش بىلەن سۆكەڭتەك بىر - بىرىگە مەھكەم باغلىۋەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. تېخىمۇ مۇھىمى ئۆلچەم نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيە، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى، بازار ئىقتىسادى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىش پىىرنسىپلىرى رۇسىيە بىلەن ئەمەس، ياۋروپا بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. تۈركىيە ئوسمانلى خەلىپىلىكى دەۋرىدىن تاكى جۇمھۇرىيەت دەۋرىگىچە بولغان ئۆتكەن ئىككى ئەسىردە بۇ ئۆلچەملەرنى تەرەققىي قىلدۈرۇشقا تىرىشىپ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولىغا كەلتۈردى. ھەتتا بۇ ئۆلچەملەر جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يېقىنقى 12 يىلدىكى سىياسىي رەھبەرلىكى مەزگىلىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدى. بۇ ئۆلچەملەرنىڭ تۈركىيەدە تەرەققىي قىلدۈرۈلىشىدا ياۋروپا ئىتتىىپاقىنىڭ قانچىلىك مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق لازىم.
خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئىقتساد، سودا، ئېنېرگىيە ۋە باشقا ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەلۋەتتە. بىراق بۇلارنىڭ ھېچ بىرسى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ۋە غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان 200 يىللىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقى ۋە ماسلىشىشىنى يوقۇتۇپ تاشلىيالىغۇدەك سەۋىيەدە ئەمەس. تۈركىيەدە بۇ ھەمكارلىقنى يوق قىلىپ تاشلايدىغان بىر نىيەت، نە ئۆتمۈشتە، نە بۈگۈنكى دەۋردە قەتئىي مەۋجۇت بولغان ئەمەس. يېقىندىن بۇيانقى ئۆزئارا تەنقىدلەر ۋەكىرىزىسلەر ھەرقانچە بولغاندا ئۆزئارا قىيىدىشىش ياكى مۇھەبەتلىشىش بولۇشى مۇمكىن.
قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر