رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتننىڭ ئەنقەرە زىيارىتى توغرىسىدا

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتننىڭ ئەنقەرە زىيارىتى ھەققىدە

148069
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتننىڭ ئەنقەرە زىيارىتى توغرىسىدا

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 1-دېكابىردا رۇسىيە-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەنقەرەدە بىر كۈن زىيارەتتە بولدى. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت زىيارىتىدە پۇتىنغا 10 مىنىستىر ھەمراھ بولدى. ئىككى تەرەپ ۋە ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈشلەر نەتىجىسىدە رۇسىيە ۋە تۈركىيەنىڭ كېلەچىكىگە ئالاقىدار مۇھىم قارارلار ئېلىندى. رايونلۇق ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. تەرەپلەر بۇ زىيارەتنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئورتاق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە: تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئى بايلىقلار مىنىستىرلىكى بىلەن رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكى ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيەنى تىجەش ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىش، يېڭىلىدىغان ئېنېرگىيە بايلىقلىرى ساھەسىدە ياخشى نىيەت مېمۇراندۇمى، روساتوم بىلەن تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىكى ئارىسىدا يادرو ئېنېرگىيە ۋە مۇناسىۋەتلىك سانائەت ساھەلىرىدە مۇتەخەسىس يېتىشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مېموراندۇم ئىمزالاندى.
تۈركىيە-رۇسىيە ھۆكۈمەتلەرئارا ئارىلاش ئىقتىساد ۋە سودا ھەمكارلىقى كومىتېتى 13-يىغىنى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى. رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرلىرى بولسا سودا ۋە ئىقتىساد بىلەن بىرلىكتە مەبلەغ ساھەسىدىمۇ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم ئىمزالىدى. تۈركىيە كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپلىق كارخانالار تەشكىلىي ھەيئىتى بىلەن رۇسىيە ئىقتىسادى تەرەققىيات مىنىستىرلىكى ئارىسىدا كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپلىق كارخانالاردا ئىگىلىك يارىتىشتا ياخشى نىيەت مېموراندۇمى ئىمزالاندى.
ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي سوغۇرتا مىنىستىرلىكلىرى ئارىسىدا خىزمەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي سوغۇرتا ساھەسىدە ھەمكارلىققا مۇناسىۋەتلىك مېموراندۇم ئىمزالاندى. رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئىمزالانغان يەنە بىر مېموراندۇم بولسا قانۇن ۋە ئەدلىيە ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك.
بۇ كېلىشىملەردە كۆرۈلگىنىدەك، پۇتىننىڭ ئەنقەرە زىيارىتىدە ئىقتىسادى ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىدى. تۈركىيە شۇ كۈنى ئاككۇيۇ يادرو بازىسى ئۈچۈن دوكلات تەييارلاپ چىقتى، پۇتىنمۇ جەنۇبىي ئېقىم لايىھەسى ئورنىغا قارادېڭىزدىن تۈركىيەگە كېلىدىغان يېڭى تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. گازپىروم باشلىقى ئالېكسېي مىللېر 6-دېكابىردا جەنۇبىي ئېقىم تەبىئى گاز لايىھەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قارارنىڭ 1-دېكابىردا ئەنقەرەدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى كۆرۈشكەندە ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن، ئەنقەرەدە 2015-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەگە ساتىدىغان تەبىئىي گاز باھاسىدا ئېتىبار قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە بىلەن رۇسىيە بۇ قېتىمقى زىيارەتتە پىكىر ئوخشىماسلىقى بولغان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالمىدى. سۈرىيە، ئىراق، ئۇكرائىنا ۋە قىرىم مەسىلىلىرى كۆپ تىلغا ئېلىنمىدى.
.....كەچىش.....
پۇتىننىڭ ئەنقەرە زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك «غەرب ئەللىرىنىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى تاشلانغان رۇسىيەنىڭ قەدىمى»دىن «تۈركىيە غەربتىن يىراقلىشىش»قىچە بولۇپ نۇرغۇن ئانالىزلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ خىل زىيارەتلەردە مۇھىم بولغىنى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش بولغانلىقتىن، پۇتىننىڭ ئەنقەرە زىيارىتىدىن ھەر ئىككى دۆلەت مەلۇم مەنپەئەتلەرگە ئېرىشتى. پۇتىن زىيارەتتىن ئىلگىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «يېڭى ئۇپۇقلار ئىزدەشكە كېتىۋاتىمەن» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى كۆرىمىز.
ئالدى بىلەن، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا رايونلۇق مەسىلىلەردە پىكىر ئىختىلاپلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپ سوغۇققانلىق ۋە مەنتىلىق ھالدا ھەرىكەت قىلىپ، ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. دۇنيا قۇتۇپلۇشىشقا ۋە رىقابەتلىشىشكە يۈزلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، رايوندىكى نوپۇزلۇق دۆلەتلەر مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىشى، ئاخىرقى ھېسابتا ئەقىلنىڭ ئۈستۈن كېلىدىغانلىقىغا دائىر ئۈمىدىمىزنى كۈچەيتىدۇ. تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرى بەلكىم كەلگۈسىدە قاراباغ، سۈرىيەگە ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىدا مۇھىم رول ئويناپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
6-دېكابىردا گىروزنىيدە قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى. رامزان قادىروۋ 19 ئادەم ئۆلگەن توقۇنۇشنىڭ جاۋابكارىنىڭ تۈركىيەدە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقان ئەھمەت ئۇمراروۋ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بىراق بۇ ۋەقە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان بېرىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى پۇتىن ئەنقەرە زىيارىتىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ جاۋابكارلىنىڭ غەرب ئەللىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. شۇنداقلا، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئۇزۇندىن بۇيان رادىكال ئۇنسۇرلارغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى كۆرۈشكەندە سودا ھەجىمىنى 2023-يىلى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىشتى. ھازىرقى شارائىتدا بۇنىڭ ئىشقا ئېشىشى تەسرەك. مۇتەخەسسىلەرنىڭ قارىشىچە، يۈك ماشىنلىرى چەكلىمىسى ياكى بىيۇكراتىك توسالغۇلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قىرىمدا بەرپا قىلىنغان ئەركىن ئىقتىساد رايوندىن ئىككى تەرەپلىك سودىدا پائال پايدىلىنىش، تۈركىيەنىڭ ياۋروئاسىيا ھەمكارلىقى بىلەن بىر قاتار كېلىشىملار ئىمزالىشى ۋە سىياسىي ئىرادىنىڭ ھازىرقىدەك كېلەچەكتىمۇ رىئال سىياسەت يولغا قويغان ئەھۋالدا 100 مىليارد دوللارلىق سودا ھەجىمىگە بىمالال يېتەلىشى مۇمكىن. تۈركىيە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بولۇپ، رۇسىيە فېدراتسىيەسىدىكى تۈرك ۋە مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەنمۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر