ئىستانبۇلدا كۆۋرۈكلەر سۆسۈن رەڭگە پۈركەندى

ئىستانبۇلنىڭ سىمۋوللىرىدىن «15 – ئىيۇل شېھىتلار كۆۋرۈكى»، «فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى» ۋە «ياۋۇز سۇلتان سېلىم كۆۋرۈكى» تۈنۈگۈن «دۇنيا ئېپىلېپسىيە (تۇتقاقلىق كېسىلى) كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن سۆسۈن رەڭ بىلەن يورۇتۇلدى.

1143691
ئىستانبۇلدا كۆۋرۈكلەر سۆسۈن رەڭگە پۈركەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆۋرۈكلەرنىڭ سۆسۈن رەڭ بىلەن يورۇتۇلۇشى، تۈركىيە  ئېپىلېپسىيەگە قارشى ئۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ بۇ كېسەللىك ھەققىدە ئىجتىمائىي ئاڭ شەكىللەندۈرۈش نىشان قىلىنغان «ئېپىلېپسىيە ئۈچۈن قاراڭ» لايىھەسى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

تۈركىيە  ئېپىلېپسىيەگە قارشى ئۇرۇش جەمئىيىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، لايىھە ئارقىلىق نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئېپىلېپسىيەگە قارىتا خاتا مەلۇمات ۋە بىر تەرەپلىمىلىك قاراشلارنى يوقىتىش ۋە ئېپىلېپسىيە بىمارلىرىنى  جەمئىيەت بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش نىشان قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر