ئىستانبۇلدا كۆۋرۈكلەر سۆسۈن رەڭگە پۈركەندى

ئىستانبۇلنىڭ سىمۋوللىرىدىن «15 – ئىيۇل شېھىتلار كۆۋرۈكى»، «فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى» ۋە «ياۋۇز سۇلتان سېلىم كۆۋرۈكى» تۈنۈگۈن «دۇنيا ئېپىلېپسىيە (تۇتقاقلىق كېسىلى) كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن سۆسۈن رەڭ بىلەن يورۇتۇلدى.