قازاقىستاندا «ناخشا – ئۇسسۇل روھى» ناملىق فېستىۋال ئۆتكۈزۈلدى

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا «ناخشا – ئۇسسۇل روھى» ناملىق خەلقئارا ئېتنىك ناخشا – مۇزىكا ۋە  ئۇسسۇل فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى.

1050168
قازاقىستاندا «ناخشا – ئۇسسۇل روھى» ناملىق فېستىۋال ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن ناخشا – ئۇسسۇل كومىتېتى تەرىپىدىن قازاقىستان كونسېرت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالغا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە، گىرۇزىيە، لاتۋىيە، ھىندىستان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىرېلاندىيە ۋە كانادادىن سەنئەرچىلەر ۋە ئۇسسۇل ئۆمەكلىرى قاتناشتى.

مىللىي ۋە داڭلىق ناخشا – مۇزىكىلار ئورۇندالغان فېستىۋالدا، سەنئەتچىلەر ئانا تىللىرىدا ناخشىلارنى ياڭراتتى ھەمدە مىللىي كىيىم – كېچەكلەرنى كىيىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى.

ناخشا – ئۇسسۇل كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فېستىۋالدىن مەقسەت، دۆلەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئېتنىك مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر