ستولتېنبېرگ: جىددىيچىلىكلەر ئۇلغىيىۋاتىدۇ... مۇداپىئە خامچوتىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ: «مۇداپىئە چىقىمىنى كۆپەيتىشىمىز كېرەك؛ چۈنكى جىددىيچىلىكلەر كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ» دېدى.

2129203
ستولتېنبېرگ: جىددىيچىلىكلەر ئۇلغىيىۋاتىدۇ... مۇداپىئە خامچوتىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو باش ئىشتابىدا گوللاندىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى مارك رۇتې، دانىيە باش مىنىستىرى مېتتې فرېدېرىكسېن ۋە چېخىيە باش مىنىستىرى پېتر بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

باش كاتىپ بىر مۇخبىرنىڭ «ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشقا ئايلىنىش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ھازىرقىدەك شارائىتتا، غەربنىڭ ئۇكرائىنا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بارم، يوق؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «ناتو ئىتتىپاقداشلىرى بۇ ئىقتىدارغا ئىگە. بىز بىرلىكتە دۇنيانىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ %50 گە ۋەكىللىك قىلىۋاتىمىز، بىزنىڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىرىمىز بار» دېدى.

ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلارنىڭ ناتونىڭ مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن باش كاتىپ ستولتېنبېرگ: «مۇداپىئە چىقىمىمىزنى كۆپەيتىشىمىز كېرەك، جىددىيچىلىك كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، ئىتتىپاقداشلارنىڭ قىلىۋاتقىنى دەل بۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر