ياۋروپا رەھبەرلىرى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن باشقا، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزەكىرە قىلىش ئۈچۈن بىريۇسسېلدا يىغىن ئۆتكۈزىدۇ.

2128869
ياۋروپا رەھبەرلىرى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بۈگۈن (17-ئاپرېل) ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىريۇسسېلدا ئىككى كۈن يىغىن ئۆتكۈزىدۇ. يىغىنغا 27 دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتنىشىدۇ. مەزكۇر يىغىن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ 6-9-ئىيۇن كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى يىغىنى بولۇپ قالىدۇ.

يىغىنغا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېل رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلمۇ قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر