ئۇكرائىنادا ھەربىي سەپەرۋەرلىك شەرتلىرى چىڭىتىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ھەربىي سەپەرۋەرلىك شەرتلىرىنى چىڭىتىش قانۇنىنى تەستىقلىدى.

2128772
ئۇكرائىنادا ھەربىي سەپەرۋەرلىك شەرتلىرى چىڭىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ تور بېتىدە، پىرېزىدېنت زېلېنسكىينىڭ سەپەرۋەرلىك، ھەربىيلىككە تىزىملىتىش ۋە ھەربىيلىك خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى يېڭى سەپەرۋەرلىك قانۇنىنى تەستىقلىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر قانۇن ئېلان قىلىنىپ بىر ئايدىن كېيىن، رەسمىي ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۇكرائىنا پارلامېنتى 11-ئاپرېل (2024) ھەربىي سەپەرۋەرلىك شەرتلىرى چىڭىتىلغان قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىغان ئىدى.

قانۇن بويىچە، سەپەرۋەرلىكتە 18 ياش بىلەن 60 ياش ئوتتۇرىسىدىكى ئەرلەر ھەر ۋاقىت ھەربىي كېنىشكىسىنى ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك. كېنىشكىنى ھەربىي تىزىملاش ئىشخانىسىنىڭ ۋەكىلى ياكى ساقچىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن كۆرسىتىشى كېرەك. بۇ ياش ئوتتۇرىسىدىكى ئەرلەر چېگرا ئېغىزىدا ياكى چېگرا رايونىدا، چېگرا قوغداش خادىمى تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا ھەربىي كېنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

چەت ئەلدە ياشاۋاتقان، ئەمما ھەربىي كېنىشكىسى بولمىغانلار، يېڭى پاسپورت ئالالمايدۇ. قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تېگىشلىك كىشىلەر 60 كۈن ئىچىدە تۇرۇشلۇق ئادرېسىنى، ئالاقىلىشىش نومۇرىنى ۋە ھەربىي كېنىشكىسىنى يېڭىلىشى كېرەك.

60-18 ياش ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدىغان كىشىلەر، ھەربىيلىككە تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى يېڭىلىغاندىنلا ئۇكرائىنانىڭ چەت ئەللەردىكى دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر