لويىد ئوستىن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇداپىئەسىگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋ گالانتقا ئىسرائىلىيەنىڭ مۇداپىئەسىگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2128254
لويىد ئوستىن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇداپىئەسىگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتىدا، لويىد ئوستىننىڭ ئىسرائىلىيەلىك مەنسەپدىشى گاللانت بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىراننىڭ 13 - ئاپرېلدا ئىسرائىلىيەگە قاراتقان ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئورتاق مۇداپىئە ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئالدى ئېلىنغان ھۇجۇملىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئوستىننىڭ ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ۋە «رايون خاراكتېرلىق ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقى نىشانى» نى جەزملەشتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر