ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى توڭلىتىلغان رۇسىيە مال-مۈلۈكلىرىنىڭ كىرىمىنى ئۇكرائىنا بېرىشكە كېلىشتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ توڭلىتىلغان رۇسىيە مال-مۈلكىدىن قىلىنغان كىرىمنى ئۇكرائىناغا بېرىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2118748
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى توڭلىتىلغان رۇسىيە مال-مۈلۈكلىرىنىڭ كىرىمىنى ئۇكرائىنا بېرىشكە كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى  خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئاخىرلاشتى؛ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ۋون دېر لېيېن يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك بۆلىكىنىڭ نەتىجىسىنى ئورتاقلاشتى.

ئۇ رەھبەرلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ <رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدىكى توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكلىرىدىن قىلىنغان كىرىمنى ئۇكرائىناغا بېرىش> توغرىسىدىكى تەكلىپىنىڭ مۇۋاپىق دەپ قارالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ئۇكرائىنانى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 2024-يىلى 3 مىليارد ياۋرو ئەتراپىدا، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدىمۇ يەنە مۇشۇنچىلىك مەبلەغنىڭ توپلىنىشىنى مۆلچەرلىمەكتىمىز» دېدى.

ۋون دېر لېيېن بۇ تەكلىپنىڭ قاچان يولغا قويۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «مەن رەھبەرلەرگە بۇ تەكلىپنى دەرھال خۇلاسىلىسەك، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئالدىنقى 1 مىليارد ياۋرونى بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتتىم. دېمەك، بۇ ئىش بىزگە باغلىق. تېز بولساق بولىدۇ، ئۇ (ئىش) بىزنىڭ قولىمىزدا. يازدا كونكرېت ھەرىكەت بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر