فىدان: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2118117
فىدان: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسې مانۇئېل ئالبارىس بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ باشتىن تارتىپلا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنى باشتىن-ئاخىر سەمىمىي قوللىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى، خىزمەتدىشىغا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر فىدان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پىچەك سىياسىي كۈنتەرتىپىگە تاشلاپ قويغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلىدىم. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ئىسپانىيە غەززە مەسىلىسىدە باشتىن تارتىپ پىرىنسىپال پوزىتسىيەدە بولۇپ، پەلەستىن خەلقى تەرەپتە تۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىسپانىيەنىڭ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان بۇ پوزىتسىيەسى پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ دىنىي ۋە ئېتنىك كىملىكلەردىن ھالقىغان ئۇنىۋېرسال دەۋا ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر