سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ تەل رىفات ناھىيەسىدىكى ئىشغالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ نىڭ ئازەز رايونىدىكى سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئالدىنقى سېپىگە سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنۇشى توسۇپ قېلىندى.

2112852
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېرىم كېچىدە ئازەزنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان مەراناز رايونىدىكى سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئالدىنقى سېپىگە سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان تېررورچىلار، قاراۋۇللار بىلەن توقۇنۇشتى.

سوقۇنۇپ كىرىش ئۇرۇنۇشى توسۇپ قېلىندى؛ توقۇنۇشتا تالاپەتكە ئۇچرىغان پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرى چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.

تېررورچىلار سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان رايونلارغا قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قارىتىپ ئېتىلىدىغان قوراللارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى—پ ك ك / ي پ گ 2016-يىلىدىن بۇيان ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان تېل رىفات ۋە مۇنبىج رايونىدىن پايدىلىنىپ، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئالدىنقى سېپىگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر