غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن قان ئىئانە قىلىشنى تەلەپ قىلدى

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن ئىسرائىلىيە 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان رايون خەلقىگە قان تەقدىم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

2112788
غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن قان ئىئانە قىلىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى، ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى قىزىل ھىلال ئاي ۋە ئەرەب قان مۇلازىمىتى ئورگىنى قاتارلىق تەشكىلاتلارغا خىتاب قىلدى.

باياناتتا، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ غەززەدىكى يارىدارلار ۋە باشقا بىمارلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بارلىق قان تىپلىرىدىن قان ئىئانە قىلىشى، شۇنداقلا قان خالتىسى ۋە قان تىپىنى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى ئەۋەتىشى تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا يەنە، غەززە خەلقىنىڭ سەرگەردانلىق ۋە ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 40 مىڭ پوسۇلكىدىن ئارتۇق قان تەقدىم قىلغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى جەريانىدا سەھىيە تارماقلىرىغا ئېغىر زەربە بەردى.

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 6-مارتتىكى باياناتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىلىرىدا ھازىرغا قەدەر 364 تېببىي خادىم قازا قىلغان، 269 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان، 155 داۋالاش ئاپپاراتى ۋەيران بولغان، 126 قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، 32 دوختۇرخانا بىلەن 53 داۋالاش مەركىزى خىزمەتتىن توختىغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 31 مىڭغا يېقىنلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر