ھايتىدا تۈرمىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم سەۋەبىدىن 3600 مەھبۇس قېچىپ كەتتى

ھايتىدا قارا گۇرۇھلارنىڭ تۈرمىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 12 مەھبۇس قازا قىلىپ، 3600 مەھبۇس قېچىپ كەتتى.

2110443
ھايتىدا تۈرمىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم سەۋەبىدىن 3600 مەھبۇس قېچىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھايتىدا قوراللىق شايكىلار پايتەخت پورت-ئو-پىرىنستىكى كروكىس دېس بوكۇست تۈرمىسىگە بېسىپ كىرىپ، بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن قوراللىق  توقۇنۇشتى. توقۇنۇشتا 12 مەھبۇس قازا قىلىپ، 3600 مەھبۇس قېچىپ كەتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تۈرمىدە 17 كولۇمبىيە پۇقراسىنىڭ بارلىقى ۋە كولۇمبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھايتى دائىرىلىرى بىلەن بۇ ھەقتە ئالاقە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھايتىدا يېقىنقى ئۈچ كۈندە يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا، تۆت ساقچى جېنىدىن ئايرىلىپ، ئونلارچە كىشى يارىلاندى.

ھايتىدا باش مىنىستىر ئارىئېل ھېنرىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ پات-پات نامايىش قىلىۋاتقان مىڭلىغان كىشىلەر بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا دائىم  دېگۈدەك سۈركىلىشلەر يۈز بەرمەكتە.


خەتكۈچ: #تۈرمە , #ھايتى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر