خىروشىمادىن تېپىلغان ۋە ئاتوم پارتلىشدا ئېرىپ كەتكەن قول سائىتى 31113 دوللارغا سېتىلدى

ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىگە 1945 - يىلى تاشلانغان ئاتوم بومبىسىنىڭ قالدۇقلىرىدىن تېپىلغان ۋە ئېرىپ كەتكەن قول سائىتى 31 مىڭ 113 دوللارغا سېتىلدى.

2107008
خىروشىمادىن تېپىلغان ۋە ئاتوم پارتلىشدا ئېرىپ كەتكەن قول سائىتى 31113 دوللارغا سېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ بوستوندىكى RR كىم ئارتۇق سېتىش مەركىزىدە، خىروشىما خارابىسىدىن تېپىلغان ھەمدە ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلاش ۋاقتى 08:15 تە توختاپ قالغان ۋە ئېرىپ كەتكەن قول سائىتى 31 مىڭ 113 دوللارغا سېتىلدى.

سائەتنى سېتىۋالغان خېرىدارنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىدى.

RR كىم ئارتۇق سېتىش مەركىزىنىڭ باياناتىدا: «بۇ داڭلىق قول سائەت يادرو دەۋرىنىڭ ئەتىگىنىنىڭ بەلگىسى ۋە مەدەنىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقىنىڭ بېشارىتى» دېيىلدى.

سائەت شەھەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن خىروشىماغا بارغان ئەنگلىيەلىك بىر ئەسكەر تەرىپىدىن تېپىلغان ئىدى.

2017 - يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شىۋىيېتسارىيەدە تۇرۇشلۇق خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتى (ICAN) بۇ سائەتنىڭ سېتىلىشىغا قارشى چىققان ئىدى.

تارىخىي ساۋاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بۇيۇمدىن كىشىلەرنىڭ ماددىي مەنپەئەت ئۈندۈرىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن، قول سائىتىنىڭ كىم ئارتۇق سېتىش تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خىروشىماغا تارىختىكى تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى تاشلىغان بولۇپ، شەھەرنىڭ %90 ى ۋەيران بولغان ۋە دەسلەپكى دەقىقىلەردىلا 80 مىڭ كىشى قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر