تۈركىيە-سومالى مۇداپىئە ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاندى

سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇت تۈركىيە بىلەن مۇداپىئە ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمىنى ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2106345
تۈركىيە-سومالى مۇداپىئە ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇت ئېكس (X) ئادرېسىدا تۈركىيە بىلەن مۇداپىئە ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمىنى ئىمزالىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.

ئۇ: «سومالى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تەستىقلانغان مۇداپىئە ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدىم. بۇ تارىخىي كېلىشىم دۆلىتىمزنىڭ بىخەتەر ۋە پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىدە يېڭى سەھىپىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ» دېدى.

ئۇ مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تۈرلۈك قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى ئورتاق ئىرادىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سومالىنىڭ دېڭىز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز قېرىنداش تۈركىيەنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە گۈللىنىشكە بولغان تەۋرەنمەس، شۇنداقلا دەل ۋاقتىدا قوللاش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.»

تۈركىيە بىلەن سومالى ئوتتۇرىسىدا 8-فېۋرال (2024) دۆلەت مۇداپىئەسى ھەمدە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى» ئىمزالانغان ئىدى.

ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششاباب كۆپ يىللاردىن بۇيان بىخەتەرلىك مەسىلىسى پەيدا قىلىپ كەلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر