ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئايروپىلانلىرى ھۇدەيدەنى بومباردىمان قىلدى

يەمەندىكى خۇسىيلار ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇدەيدە شەھىرىنى بۈگۈن (22-فېۋرال) ئەتىگەندىن باشلاپ 11 قېتىم بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2105781
ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئايروپىلانلىرى ھۇدەيدەنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇسىيلارنىڭ «ئەلمەسىرە» تېلېۋىزىيەسى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇدەيدە شەھىرىگە قاراشلىق ئەسسالىف ناھىيەسىدىكى راس ئىسا رايونىنى بەشىنچى قېتىم بومباردىمان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ سەھەردە ھۇدەيدەنى ئالتە قېتىم بومباردىمان قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

ھۇدەيدە شەھىرىنىڭ دېڭىز قىرغىقى ئۇزۇن بولۇپ، ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ پورتى بارلىقى سەۋەبىدىن يەمەننىڭ ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئەتىگەنكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 19-فېۋرال (2024) خۇسىيلارنىڭ ئەدەن پورتىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئامېرىكانىڭ «M/V Sea Champion» يۈك پاراخوتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار 31-ئۆكتەبىر (2023) دىن تارتىپ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى سەۋەب قىلىپ، يەمەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسىرائىلىيە شىركەتلىرىگە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سودا پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلىشنى، بەزىلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى نۇرغۇن قېتىم يەمەندىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

نۇرغۇن خەلقئارالىق دېڭىز تىرانسپورت شىركەتلىرى خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قىزىل دېڭىزدىكى پاراخوت قاتنىشىنى بىكار قىلدى.

دۇنيا سودىسىنىڭ تەخمىنەن %12 ى ئاقدېڭىزنى قىزىل دېڭىزغا تۇتاشتۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى قىسقارتىدىغان سۈۋەيىش قانىلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر