شىۋېتسىيە:پ ك ك غا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىمىز... خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت

شىۋېتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى شارلوت ۋون ئېسسېن دۆلىتىنى بازا قىلىپ ئىشلەتكەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى —پ ك ك نىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2106154
شىۋېتسىيە:پ ك ك غا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىمىز... خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋون ئېسسېن يېقىنقى كۈنلەردە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دائىرىسىدە قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقلىرىنى ۋە بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە تۈركىيە بىلەن ياخشى ھەمكارلاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىزنىڭ بۇ يىلقى باھالىشىمىزدىمۇ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتېگورىيەسىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىز تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى تارايتىش ئۈچۈن بىر قاتار ئوخشىمىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىمىز. بىز شىۋېتسىيەنى بازا قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان پ ك ك نىڭ ھەر خىل ئاكيورلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى ئازايتىش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى خالايمىز» دېدى.

رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىراننىڭ شىۋېتسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ پەيدا قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئېسسېن: «بۇ دۆلەتلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى شىۋېتسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە» دېدى.

شىۋېتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى، شىۋېتسىيە ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە شىۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇداپىئە رادىيو ئىدارىسى  تەرىپىدىن قۇرۇلغان «دۆلەتلىك تېررورلۇق تەھدىتىنى مۇھاكىمە قىلىش مەركىزى» 2023- 2024-يىللىرىدىكى شىۋېتسىيەگە قارىتىلغان تېررورلۇق تەھدىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ تەييارلىغان دوكلاتىنى 13 – فېۋرال ئېلان قىلغانىدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى—پ ك ك نىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن دوكلاتتا: «ياۋروپادا مۇنتىزم پۇل فوندىغا ئىگە، بەلكىم ھەر يىلى مىليونلارچە كرون يىغىشى مۇمكىن بولغان پ ك ك، ياۋروپادىكى قوللىغۇچىلىرى ئارقىلىق سىياسىي لوبىچىلىق ئېلىپ بېرىپ، خەلقئارالىق پۇرسەتلەردىنمۇ پايدىلىنىپ، سىياسەتكە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. پ ك ك شىۋېتسىيەدە ئىجابىي ئوبراز يارىتىش ۋە ئادەم توپلاش ئۈچۈن 2024-يىلىمۇ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر