رۇسىيە تانكا ۋە ئۇچقۇ ياساشنى كۆپەيتكەن

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ تانكا، ئۇچقۇ ۋە زەمبىرەك ئوقلىرى ياساش مىقدارىنى كۆپەيتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

2106139
رۇسىيە تانكا ۋە ئۇچقۇ ياساشنى كۆپەيتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن يىلى (2023) ئارمىيەدە ئىشلىتىلگەن ئۇچقۇلارنىڭ سانى 17 ھەسسە، تانكىلارنىڭ سانى ئالتە ھەسسە كۆپەيتىلگەنلىكىنى، زەمبىرەك ئوقى ۋە ئايروپىلان ئوقلىرى سانىنىڭمۇ 17.5 ھەسسە كۆپەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر شويگۇنىڭ باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، 2023-يىلى ئارمىيەگە 540 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئالتە دېۋىزىيەدىن تەركىپ تاپقان زاپاس ئارمىيەنى تەشكىللەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

ئۇ: «بۈگۈنكى كۈندە بۇلار كۈچلۈك قىسىملاردىن تەشكىللەنگەن ۋە ياخشى مەشىق قىلدۇرۇلغان كەسپىي ھەربىي قىسىملار. بۇ يىل (2024) نىڭ بېشىدىن تارتىپ تەخمىنەن 50 مىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىندى ۋە بۇ سان داۋاملىق كۆپەيمەكتە» دېگەن.

ئۇ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى يازدا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى مۇداپىئە سېپىنىمۇ بۆسۈپ ئۆتەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

سېرگېي شويگۇنىڭ دېگىنىدەك، مۇداپىئە سېپىنىڭ %80 ى ئىنژېنېرلار ۋە تۆمۈر يولى ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن ئىدى. رۇسىيە سەپ بويىچە كۆپ مىقداردا مېنا كۆمگەن ئىدى. رۇسىيە مۇداپىئە سېپى ئەتراپىنىڭ مېنا ئېتىزلىرى بىلەن ئورىلىشى، ئۇكرائىنانىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچراتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر