فىنلاندىيە باش مىنىستىرى: ئامېرىكانىڭ يادرو قوراللىرىغا ئېھتىياجىمىز يوق

فىنلاندىيە باش مىنىستىرى پېتتىرى ئورپو فىنلاندىيە زېمىنلىرىدا ئامېرىكا يادرو قوراللىرىغا ئېھتىياج يوقلۇقىنى ئېيتتى.

2104893
فىنلاندىيە باش مىنىستىرى: ئامېرىكانىڭ يادرو قوراللىرىغا ئېھتىياجىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېتىرى ئورپو پولشانىڭ بىر گېزىتى (Rzeczpospolita)نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەيانىدا، 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە توختالدى.

باش مىنىستىر ئورپو فىنلاندىيە زېمىنلىرىغا ئامېرىكا يادرو قوراللىرىنى قوبۇل قىلىپ-قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بۇنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو يادرو بىخەتەرلىكى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ» دېدى.

4-ئاپرېل 31-ئەزا سۈپىتىدە ناتوغا قېتىلغان فىنلاندىيە، 12-ئايدا ئامېرىكا بىلەن «مۇداپىئە ھەمكارلىقى كېلىشىمى» ئىمزالىغانىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن مەزكۇر كېلىشىمنىڭ دۆلىتىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تور بەرپا قىلغانلىقلىرى»نى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر