خەلقئارا سوت: ئىسرائىلىيە ۋاقىتلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى دەرھال يولغا قويۇشى كېرەك

خەلقئارا سوت مەھكىمىسى غەززە ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاقىتلىق تەدبىرلەرنى پائال شەكىلدە دەرھال يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2103588
خەلقئارا سوت: ئىسرائىلىيە ۋاقىتلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى دەرھال يولغا قويۇشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا سوت جەنۇبىي ئافرىقانىڭ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاۋاتقان ئىسرائىلىيەگە قارىتا يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش تەلىپى توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى.

مەھكىمىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، سوتنىڭ 2024-يىلى 26-يانۋار چىقارغان ئالتە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ رەفاھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن غەززە رايونى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى دەرھال ۋە ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى»نى تەكىتلىدى.

مەھكىمە غەززە، بولۇپمۇ رەفاھنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە «ئىنتايىن قورقۇنچلۇق» دەپ باھا بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقى توغرىسىدىكى: «نۆۋەتتىكى قاباھەتلىك ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، رايوندا تەسۋىرلىگۈسىز ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

باياناتتا، سوتنىڭ 2024-يىلى 26-يانۋار چىقارغان ئالتە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ رەفاھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن غەززە رايونى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى، باشقا قوشۇمچە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىشقا كېرەك يوقلۇقى قەيت قىلىندى.

سوت مەھكىمىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر