بارزانى: پ ك ك تۈركىيە ئۈچۈن تەھدىت، بىزگە نىسبەتەن ئېغىر باش ئاغرىقى...

ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى نەچىرۋان بارزانى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نىڭ ھەم كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ھەمدە باغداد مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «ئېغىر باش ئاغرىقى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2103280
بارزانى: پ ك ك تۈركىيە ئۈچۈن تەھدىت، بىزگە نىسبەتەن ئېغىر باش ئاغرىقى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەچىرۋان بارزانى «ئەلئەرەبىييە» قانىلىغا بايانات بېرىپ، ئىراقتىكى شىئە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى (ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش)گە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ باغدادتىن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى قوغدىيالماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىملارنىڭ ئىراقتىكى مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشمە قىسىملارنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەسىلىسىگە ئۆز ئالدىغا ئەمەس، ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە قارار قىلىدىغانلىقى»نى قەيت قىلدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نىڭ كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى زېمىنلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەگە قارشى ۋەقە پەيدا قىلىشىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بارزانى، بۇ تەشكىلاتنىڭ قوشنا دۆلەتلەر (تۈركىيە) ئۈچۈن تەھدىت، ئەربىل بىلەن باغداد ئۈچۈن «ئېغىر باش ئاغرىقى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر