ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھۇدەيدەنى بومباردىمان قىلدى

يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئۇرۇش ئايروپىلارنلىرىنىڭ يەمەننىڭ غەربىدىكى ھۇدەيدە ۋىلايىتىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2102100
ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھۇدەيدەنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىيلارنىڭ «ئەلمەسىرە» قانىلى، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يەمەننىڭ غەربىدىكى ھۇدەيدە ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تۇھەيتە شەھىرىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى؛ خەۋەردە، ھۇجۇمنىڭ ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان-چىقارمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەمۇ مەزكۇر ھۇجۇم توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى تۈنۈگۈن ئامېرىكانىڭ قىزىل دېڭىزدىكى «يۇلتۇز ئىرىس» ناملىق پاراخوتىغا زەربە بەرگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار 31-ئۆكتەبىر (2023) دىن تارتىپ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى سەۋەب قىلىپ، يەمەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسىرائىلىيە شىركەتلىرىگە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سودا پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلىشنى، بەزىلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى نۇرغۇن قېتىم يەمەندىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

نۇرغۇن خەلقئارالىق دېڭىز تىرانسپورت شىركەتلىرى ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قىزىل دېڭىزدىكى پاراخوت قاتنىشىنى بىكار قىلدى.

دۇنيا سودىسىنىڭ تەخمىنە %12 ى ئاقدېڭىزنى قىزىل دېڭىزغا تۇتاشتۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى قىسقارتىدىغان سۈۋەيىش قانىلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر