گۇتېررېس كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئاچارچىلىق ۋە ئۇرۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس: «2022-يىلدا كىلىمات ۋە توقۇنۇش، 174 مىليون كىشى ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى» دېدى.

2101961
گۇتېررېس كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئاچارچىلىق ۋە ئۇرۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن «كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى» ناملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتناشقان يىغىندا سۆز قىلدى.

ئۇ يەر شارىدىكى يېمەك-ئىچمەك كىرىزىسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ نامرات كىشىلەرگە قورقۇنچلۇق ئاچارچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كىلىمات كىرىزىسىنىڭ ئەجەللىك كۈچ بىلەن تېزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆتكەن يىلى (2023) تارىختىكى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولغانلىقىنى، بۇ خىل شەرت-شارائىتلارنىڭ تىنچلىقنى بۇزىدىغانلىقىنى ۋە ئاچارچىلىقنىڭ قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ كىلىمات ئاپەتلىرى ۋە توقۇنۇشلارنىڭ باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، تۇرمۇش شارائىتلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ۋە كىشىلەرنى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىلىمات ۋە توقۇنۇش يەرشارى كىلىمات كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇرۇش بولغان جايلاردا ئاچارچىلىق ھۆكۈمران بولىدۇ» دېدى.

ئۇ كىلىمات قالايمىقانچىلىقىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا يېمەك-ئىچمەك ئىشلەپچىقىرىشىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «2022-يىلى كىلىمات ۋە توقۇنۇش 174 مىليون كىشىنىڭ جىددىي يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.»  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر