ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

پايتەخت تېلئاۋىۋ ۋە قۇددۇستا ئۆتكۈزۈلگەن ئەسىرلەر نامايىشىغا مىڭلىغان كىشى قاتناشتى.

2100540
ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنى ئىستىپا بېرىشكە چاقىردى.

نامايىشچىلار ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماس بىلەن بولغان ئۇرۇشنى توختىتىش ۋە پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىشنى ئاخىزلاشتۇرۇش چاقىرىقى ئېلان قىلىپ، «بولار! ئەمدى يېتەر!» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىشچىلار: «ھەل قىلىش چارىسى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش ئەمەس. بىز پەلەستىنلىكلەر بىلەن تىنچلىق ئورنىتىشنى خالايمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

نامايىشچىلار يەنە، ھۆكۈمەتنى بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىپ، دەرھال سايلام ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى نامايىشنى خەۋەر قىلماقچى بولغان مۇخبىرلارغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى.

تېل ئاۋىۋدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشتا 11 كىشى قولغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر