ئامېرىكادا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
ئامېرىكادا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى ئىككى كىشى قازا قىلدى.
2100367
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چۈشۈپ كەتكەن «Bombardier Challenger 600» تىپلىق ئايروپىلاندىن ئۆرلىگەن قويۇق ئىس - تۈتەك نەچچە ئون مېتىر ئۆرلەپ ئەتراپقا كېڭەيدى.
خۇسۇسىي ئايروپىلاندىكى 5 يولۇچىدىن ئىككىسىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە ھادىسىنىڭ سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئايروپىلاننىڭ ئوخايودىن فلورىدا ئىشتاتىغا قاراشلىق فورت لاۋدېردال شەھىرىگە كېتىۋاتقان پەيتتە چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.