ياۋروپا ئىتتىپاقى بالدۇرراق تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2097157
ياۋروپا ئىتتىپاقى بالدۇرراق تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن غەيرى رەسمىي قەرەللىك يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولدى.

يىغىننىڭ كۈنتەرتىپتىكى تېمىلىرىدىن  بىرسى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھادجا لاھبىب مەتبۇئاتلارغا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.

جوسېپ بوررېل: «بارلىق ئەزا دۆلەتلەر تۈركىيە بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا قوشۇلدى» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل يەنە: «توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىبرىس مەسىلىسىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، تۈركىيە بىلەن ئالاقىلىشىشىمىز كېرەك. تۈركىيە بىلەن تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز، مەنپەئەتىمىز بىر-بىرىگە ماس كېلىدىغان ساھەلەردە بىرلىكتە خىزمەت قىلىشىمىز ۋە بىزنى بىر-بىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرىدىغان مەسىلىلەردىن ساقلىنىشىمىز كېرەك» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋىزىنى بېكار قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەشكە تەييار ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەن بوررېل: «تۈركىيە بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە ھەمميلەن بىردەك پىكىرگە ئىگە. ئەمما بۇ تەرەققىياتلارنىڭ مۇساپىسىگە باغلىق بولىدۇ. ۋىزا مەسىلىسىدە نېمە بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمەن. بۈگۈن بۇ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنمىدى» دېدى.

بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاھبىبمۇ: «تۈركىيە دۇنيا سەھنىسىدە بارغانسىرى  تېخىمۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك شېرىككە ئايلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

«تۈركىيە كەم بولسا بولمايدىغان شېرىكتۇر» دېگەن لاھبىب ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەت قاتناشقان 2004 -يىللىق كېڭىيىشنىڭ 20 - يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەرگە تۈركىيەنىمۇ تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر