ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئسىرائىلىيە سوتنىڭ قارارىنى تولۇق ئىجرا قىلىشى كېرەك

ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى چىقارغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش قارارى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇلارنىڭ تولۇق، تېز ۋە ئۈنۈملۈك شەكىلدە يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېدى.

2094120
ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئسىرائىلىيە سوتنىڭ قارارىنى تولۇق ئىجرا قىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدا چىقارغان قارارلىرى ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.

خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ قارارلىرىنىڭ نەزەرگە ئېلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئەدلىيە ئورگىنى بولغان خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ. خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ قارارى تەرەپلەر ئۈچۈن چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، تەرەپلەر چوقۇم ئۇلارغا بويسۇنۇشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇلارنىڭ تولۇق، تېز ۋە ئۈنۈملۈك شەكىلدە يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، تەرەپلەرنىڭ پاكىت سۇنۇش ھوقۇقىنىڭ بۈگۈنكى قارارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر