ئۇكرائىنالىق ئەسىرلەرنى ئېلىپ ماڭغان رۇسىيە ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

رۇسىيەنىڭ بېلگورود شەھىرىدە ئىل-76 تىپلىق بىر ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى.

2092935
ئۇكرائىنالىق ئەسىرلەرنى ئېلىپ ماڭغان رۇسىيە ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 65 نەپىرى ئۇكرائىنالىق ئۇرۇش ئەسىرى بولۇپ، جەمئىي 74 كىشى ئولتۇرغان ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ ئالتە نەپىرى ئايروپىلان مۇلازىمەتچىسى، ئۈچ نەپىرىنىڭ ئەسكەر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق ئايروپىلاننىڭ شۇ يەر ۋاقتى سائەت 11:00 دە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، رۇسىيە ئالەم قاتنىشى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر