بايدىن ياپونىيە بىلەن ھىندىستاننى «چەت ئەللىك دۈشمىنى» دۆلەتلەر دەپ ئاتىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن دۆلىتىنىڭ ئىككى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغان ياپونىيە بىلەن ھىندىستاننى «چەت ئەللىك دۈشمىنى» دەپ ئاتاپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەگە ئوخشاشلا «كۆچمەنلەرنى ياقتۇرمايدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى.

2134987
بايدىن ياپونىيە بىلەن ھىندىستاننى «چەت ئەللىك دۈشمىنى» دۆلەتلەر دەپ ئاتىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جو بايدىن بىر سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ يېپىق بۆلۈمىدە، دۆلىتىنىڭ ئىككى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغان ياپونىيە بىلەن ھىندىستان ھەققىدە توختالدى.

پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئاقساراي ئېلان قىلغان تولۇق نۇتۇق تېكىستىدە ئاشكارىلانغان سۆزلىرى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا كەڭ غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئاقسارايدا ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئونى كۈتۈۋالغان بايدىن سۆزىدە: «بىز (ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى) كۆچمەنلەرگە قۇچاق ئاچىمىز. ئويلاپ بېقىڭلار، خىتاي نېمىشقا ئىقتىسادىي جەھەتتە بۇنچە تۇرغۇن؟ ياپونىيە نېمە ئۈچۈن مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ؟ رۇسىيە نېمە ئۈچۈن، ھىندىستان نېمە ئۈچۈن؟  چۈنكى ئۇلاردا چەت ئەللىك ئۆچمەنلىكى بار، ئۇلار كۆچمەنلەرنى خالىمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر