ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 25 مىڭدىن ئاشتى

ئىسرائىلىيە 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە رايونىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 25 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

2091729
ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 25 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 25 مىڭ 105 كە ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 62 مىڭ 681 گە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى كېچىدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملاردا ئەلخەلىل، نابلۇس ۋە تۇلكارم شەھىرى قاتارلىق نۇرغۇن جايلارنى بومباردىمان قىلدى.  

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن.

خەۋەردە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ خان يۇنۇستا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار بولۇپ، جەمئىي 10 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئونلىغان كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خەۋەردە، ئەتىگەندە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بومبا ھۇجۇمىدا بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلارنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.  

خەۋەردە، خان يۇنۇسنىڭ غەربىدىكى ئەل-ماۋاسى رايونىدا بىر ئۆينىڭ پارتلىتىلغانلىقى تەكىتلىنىپ، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ خان يۇنۇس شەھىرىدىكى نۇرغۇن رايونلارغا ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن قىلىۋاتقان ھۇجۇمىنى كۈچەيتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا بولسا، نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر