خىتايدا كەم دېگەندە 47 كىشى ۋە 18 ئۆينى تۇپراق يۇتتى

خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە كەم دېگەندە 47 كىشى  ۋە 18 ئۆينىڭ تۇپراق ئاستىدا قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2091617
خىتايدا كەم دېگەندە 47 كىشى ۋە 18 ئۆينى تۇپراق يۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يۈننەن ئۆلكىسىدە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 05:51 دە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى.

جاۋتوڭ ​​شەھىرىگە قاراشلىق جېنشيوڭ رايونىدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 18 ئۆي بىلەن بىرلىكتە كەم دېگەندە 47 خىتاي تۇپراق ئاستىدا قالدى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، رايوندا ئاران بىر كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى، 500 دىن ئارتۇق كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ پۈتۈن سۈرئىتى بىلەن داۋاملىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

تېرمومېتىر نۆلدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ قالغان رايوندا، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى، ئەمما ئۆلگەنلەرنىڭ سانى توغرىسىدا تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

خىتاينىڭ تاغلىق رايونلىرىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋە كەلكۈن قاتارلىق ئاپەتلەر كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

2013 - يىلىمۇ جېنشيوڭدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 18 خىتاي ئۆلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر