ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە يەمەن شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيەلىرى يەمەننىڭ بەش شەھىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى.

2090343
ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە يەمەن شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يەمەننىڭ سادا، زىممار، ھۇدەيدە، تائىز ۋە بەيدا شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يەمەن شەھەرلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى.

يەمەندىكى ھۇسىيلار ئەدەن بوغۇزىدىكى ئامېرىكانىڭ «Ginco Picardie» پاراخوتىغا بىر قاتار باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى  ئېلان قىلغان ئىدى.

ھۇسىيلارغا قاراشلىق يەمەن ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «يەمەننىڭ ئۆزىنى قانۇنلۇق قوغداش ھوقۇقى دائىرىسىدە، پەلەستىن خەلقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز، ئەرەب دېڭىزى ۋە قىزىل دېڭىزىكى بارلىق خەتەرلەرنىڭ مەنبەلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشتىن چېكىنمەيمىز» دېيىلدى.

ھۇسىيلارنىڭ باياناتىدا يەنە، «ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا بېرىلىدىغان جاۋابتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقى، يېڭى ھۇجۇملارنىڭمۇ جاۋابسىز ۋە جازاسىز قالمايدىغانلىقى» قەيت قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەمەندە «ھۇسىيلار» دەپ ئاتىلىدىغان ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتىنى، قىزىل دېڭىزدىكى ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قايتىدىن «چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار 31-ئۆكتەبىردىن تارتىپ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى سەۋەب قىلىپ، يەمەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسىرائىلىيە شىركەتلىرىگە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سودا پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلىشنى، بەزىلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى نۇرغۇن قېتىم يەمەندىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقئارالىق دېڭىز تىرانسىپورت شىركەتلىرى ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قىزىل دېڭىزدىكى پاراخوت قاتنىشىنى بىكار قىلدى.

دۇنيا سودىسىنىڭ تەخمىنە %12 ى ئاقدېڭىزنى قىزىل دېڭىزغا تۇتاشتۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى قىسقارتىدىغان سۈۋەيىش قانىلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر