پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى غەززەدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى مۇلازىمىتىنى باشلىدى

پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى ئارىدىن تەخمىنەن ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، غەززە رايونىنىڭ شىمالىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتنى قايتىدىن باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2088649
پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى غەززەدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى مۇلازىمىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ تەخمىنەن ئىككى ئاي ئىلگىرى غەززە جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى مەركىزى ۋە قۇددۇس دوختۇرخانىسىنى قورشىۋالغاندىن كېيىن، مەجبۇرىي توختىتىلغان جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى  ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمەتلىرىنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، تەخمىنەن ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ جىبالىيەدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمىدا قىزىلئاي جەمئىيىتىگە تەۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمەتلىرى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ شىمالىي غەززە ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ قوشۇمچە جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن تەمىنلىشى سايىسىدا قايتىدىن كۈچەيتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان قىزىلئاي جەمئىيىتى ئەترەتلىرىنى 54 قېتىملىق ھۇجۇم نىشانى قىلغان ۋە بۇ ھۇجۇملاردا سەككىز نەپەر قىزىلئاي جەمئيىتى خادىمى قازا قىلىپ، 29 نەپەر خادىم يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر