ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقى لىۋانغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ سىگنالىنى بەردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ھېرزى خالېۋى «(ئىسرائىلىيە) ئەسكەرلىرىنىڭ لىۋاندا ۋەيران قىلالمايدىغان رايون يوقلۇقى»نى ئىلگىرى سۈردى.
2087314
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، ھېرزى خالېۋىنىڭ غەززەدىكى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بايانات بېرىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇ يەردىكى ئەسكەرلەرگە خىتاب قىلىپ: «غەززەدە سىلەر كىرىپ ۋەيران قىلالمايدىغان بىر كىلومېتىر يەرمۇ بولمىغانغا ئوخشاش، لىۋاندىمۇ سىلەر كىرىپ يوقىتالمايدىغان بىر رايون يوق. سىلەرنى زۆرۈر بولغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، سىلەرمۇ ئۇ يەردە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلسىلەر» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.