ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي سۆھبەتلىرى قايتىدىن باشلاندى

2022-يىلى ئۈزۈلۈپ قالغان ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي سۆھبەتلىرى قايتىدىن باشلاندى.

2086674
ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي سۆھبەتلىرى قايتىدىن باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ۋە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، 17-نۆۋەتلكى ئامېرىكا-خىتاي مۇداپىئە سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش سۆھبەتلىرىنىڭ 8-، 9-يانۋار كۈنلىرى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

سۆھبەتكە ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئامېرىكانىڭ خىتاي، تەيۋەن ۋە موڭغۇلىيەگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى مايكىل چېيس، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ خەلقئارا ھەربىي ھەمكارلىق بۆلۈمى مۇئاۋىن مۇدىرى مايور گېنېرال سۇڭ يەنچاۋ رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگوننىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، مۇئاۋىن مىنىستىر چېيس، «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەربىي ئالاقە يوللىرىنى ئوچۇق تۇتۇش كېرەك»لىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

چېيس ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەشغۇلات بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئامېرىكا خەلقئارا قانۇن يول قويغان ھەممىلا يەردە ھەرىكەت قىلىش، ئۇچۇش ۋە يەلكەن ئېچىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ۋە ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا قانۇنلۇق ھەرىكەت قىلىۋاتقان فىلىپپىن پاراخوتلىرىغا پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىدىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن چېيس، ئوچۇق دېڭىزلاردىكى دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكىگە خەلقئارا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا تەرەپ تەيۋەن مەسىلىسىدە «بىر خىتاي» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن شۇنداقلا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

سۆھبەتلەر جەريانىدا، تەرەپلەر دۇنيا ۋە رايون بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان بولۇپ، بۇ دائىرىدە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىخەتەرلىك ئەندىشىسى قاتارلىقلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي سۆھبەتلەر 2022-يىلى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە قىلغان زىيارىتى سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر