ئامېرىكا: ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانىمىز يوق

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون، ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

2086336
ئامېرىكا: ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگون باياناتچىسى، بىرىگادا كوماندىرى پاترىك رايدېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

«ھازىر مېنىڭ ھەرقانداق بىر (چېكىنىش) پىلانىدىن خەۋىرىم يوق» دېگەن رايدېر، ۋاشىنگتوننىڭ دىققىتىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە قۇرۇلغان «تەبىئىي ئىرادە ھەربىي ھەرىكەتلىرى بىرلەشمە ۋەزىپە ئۆتەش خىزمەت گۇرۇپپىسى» غا مەركەزلەشتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رايوندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا 4 – يانۋار (2024) بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىرانغا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان ھەشدۇششەئبىگە قاراشلىق «نۇجەبا» ئىسىملىك خەلق قوراللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئەبۇ تەقۋا سەئىدىنى باغدادتا بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىراق ھۆكۈمىتى باغدادتىكى ھۇجۇم جاۋابكارىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا سۇدانىمۇ 5-يانۋار (2024) بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ھەشدۇششەئبىنىڭ باغدادتىكى باش ئورگىنىغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ: «ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپلىك كومىتېت قۇرۇپ چىقىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر