خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان بىر ئامېرىكا ئوفىتسېرى قاماققا ھۆكۈم قىلىندى
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر ئوفىتسېرى خىتاينى «سەزگۈر ھەربىي ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) ئۇچۇرى» بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 27 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
2086179
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 26 ياشلىق ۋېنخېڭ توماس جاۋنىڭ پارا ئېلىپ، خىتاي ئىستىخباراتىغا سەزگۈر ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 27 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، جازا مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى يىل بويىچە ئىزچىل نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.