لىۋان باش مىنىستىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بېيرۇتقا قىلغان ھۇجۇمىغا قارشى ب د ت غا ئەرز شۇنۇشنى بۇيرىدى

لىۋان باش مىنىستىرى نەجىپ مىقاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بېيرۇتقا قىلغان ھۇجۇمىغا قارشى ب د ت غا ئەرز شۇنۇش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

2083522
لىۋان باش مىنىستىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بېيرۇتقا قىلغان ھۇجۇمىغا قارشى ب د ت غا ئەرز شۇنۇشنى بۇيرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مىقاتى لىۋاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ بۇھابىب بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھاماسنىڭ سىياسىي بېيرۇسى مۇئاۋىن رەئىسى سالىھ ئەل ئارۇرىغا قاراتقان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھۇجۇمى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ بېيرۇتقا قىلغان ھۇجۇمىغا قارشى مىقاتىنىڭ ب د ت غا ئەرز شۇنۇشنى بۇيرۇغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باش مىنىستىر مىقاتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بېيرۇت ھۇجۇمىدىن باشقا يەنە، يېقىندىن بۇيانقى لىۋانغا قاراتقان بارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ ھۆججەتكە كىرگۈزۈلۈشىنى تەكىتلىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.  

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىئوسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان «چەتئەل مەنبەلىرى» نى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە، لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتىكى ھاماس ئىشخانىسىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا ئارۇرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

لىۋاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «NNA» مۇ  ھۇجۇم ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئارۇرى بىلەن بىرگە 6 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر