ئامېرىكا ئۇكرائىناغا قوشۇمچە ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىناغا 250 مىليون دوللار قوشۇمچە ھەربىي ياردەمنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2081683
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا قوشۇمچە ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىناغا 61 مىليارد دوللارلىق مۇداپىئە ياردىمى بېرىشنى مەزمۇن قىلغان «ياردەم پىلانى قارارى»نى يېڭى يىل كىرىشتىن ئىلگىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزەلمىگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئۇكرائىناغا قوشۇمچە ھەربىي ياردەم ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگوننىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، 250 مىليون دوللار قىممىتىدىكى بۇ قېتىمقى ھەربىي ياردەمنىڭ قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، ستىنگېر بومبىلىرى، زەمبىرەك ئوقلىرى، تانكىغا قارشى قوراللار ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان باشقا قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان «ئۇكرائىناغا 61 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە ياردەم بېرىش» توغرىسىدىكى پىلانىنى تەستىقلىتىش خىزمەتلىرىنى يېڭى يىلدىن كىرگەندىن كېيىن داۋاملاشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزالىرى دېكابىر (2023) نىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى، ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار قوشۇمچە تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقى ئۈچۈن قوللىمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر