بايدىن سۈرىيە ۋە ئىراق توغرىسىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا مەكتۇپ يوللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن يېقىنقى مەزگىللەردە ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا «خەلقئارا قانۇن رامكىسى ئىچىدە» ئىنكاس قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2081807
بايدىن سۈرىيە ۋە ئىراق توغرىسىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن يېقىنقى مەزگىللەردە ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا «خەلقئارا قانۇن رامكىسى ئىچىدە» ئىنكاس قاىيتۇرۇلغانلىقىنى، زۆرۈر تېپىلغاندا، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ قەدەملەرنى تاشلاشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاۋام پالاتا ۋە كېڭەش پالاتا رەھبەرلىرىگە مەكتۇپ يوللىدى؛ يېقىىندىن بۇيان ئىرانغا چېتىشلىق گۇرۇپپىلارنىڭ سۈرىيەدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بايدىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئامېرىكا بۇ ھۇجۇملارغا خەلقئارا قانۇنلار بويىچە، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ 51-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئىنكاس ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكا زۆرۈر تېپىلغاندا، تەھدىت ۋە ھۇجۇملارغا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تاقابىل تۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر