ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن قاتار ئەمىرى ئال سانى بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بىلەن غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

2081215
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن قاتار ئەمىرى ئال سانى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بايدىن قاتار ئەمىر ئال سانى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، غەززەدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، غەززەگە زۆرۈر بولغان ياردەملەرنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى مىقدارىنى ئاشۇرغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر