بىللسترۆم: تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى قارشى ئالىمىز

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ دۆلىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپنى تەستىقلىغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2081231
بىللسترۆم: تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى قارشى ئالىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىلستروم ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنىڭ تۈركىيەدىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئىككىنچى قەدەم، پارلامېنت (تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى) نىڭ بۇ مەسىلىگە بېلەت تاشلىشى بولىدۇ. بىز ناتوغا ئەزا بولۇشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى تۈنۈگۈن (26-دېكابىر) شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا ئالاقىدار قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر