گىرىفىتىس غەززەدىكى ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمنىڭ بۇنچە ئۇزۇنغا سوزۇلۇشىغا قارشى چىقتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئىشلىرىغا مەسئۇل باش كاتىپ مارتىن گىرىفىتىس غەززەدىكى ۋەھشىيلەرچە توقۇنۇشنىڭ بۇنچە ئۇزۇنغا سوزۇلۇشىنىڭ كوللېكتىپ ئاڭدا ئۆچمەس داغ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

2079246
گىرىفىتىس غەززەدىكى ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمنىڭ بۇنچە ئۇزۇنغا سوزۇلۇشىغا قارشى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارتىن گىرىفىتىس ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ئېكس (X( ئادرېسىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.

مارتىن گىرىفىتىس غەززەدە ئادەم ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يەنە قورقۇنچلۇق ۋە نومۇس قىلارلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەرنىڭ يىرگىنىشلىك ئىكەنلىكىنى، ئارقىدىن داۋاملاشقان ۋەقەلەرنىڭ بولسا، ۋىجدانسىزلارچە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

گىرىفىتىس بارلىق تەرەپلەرنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى دائىرىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋە پۇقرالارنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپ تەرەپلىك ئەيىبلەش، جىسمانىي ۋە روھىي ۋەيرانچىلىقلار شۇنداقلا ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا قارىماستىن توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن گىرىفىتىس: «غەززەدىكى ۋەھشىيلەرچە توقۇنۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى بىزنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىمىزدا ئۆچمەس داغ بولۇپ قالىدۇ» دېدى.

گىرىفىتىس توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش چاقىرىقىنى قايتا تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر